زورلۇق ئىشلىتىپ گۇۋاھلىق ئېلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ئەدلىيە خادىملىرىدىن گۇۋاھچىلارغا، زىيانكەشلىكە ئۇچرىغۇچىغا زورلۇق ئىشلىتىپ ئۇلاردىن زورمۇزور گۇۋاھلىق ئالغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دۆلەت ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە زورلۇق ئىشلىتىپ گۇۋاھچىلاردىن زورمۇزور گۇۋاھلىق ئالغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە بىۋاستە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
247 - ماددا ئەدلىيە خادىملىرىدىن جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنى قىيناپ سوراق قىلىپ ئىقرار قىلدۇرغانلىرى ياكى زورلۇق ئىشلىتىپ گۇۋاھچىلاردىن گۇۋاھلىق ئالغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، ئادەمنىڭ زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى ۋە ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 232 -، 234 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
234 - ماددا باشقىلارنىڭ تېنىنى قەستەن زەخىملەندۈرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ، باشقىلارنى ئېغىر زەخىملەندۈرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلىرىغا ياكى پەۋقۇلئاددە ۋەھشىي ۋاسىتىلەر بىلەن باشقىلارنى ئېغىر زەخىملەندۈرۈپ، ئېغىر مېيىپ قىلىۋەتكەنلەرگە 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
232 - ماددا قەستەن قاتىللىق قىلغانلارغا ئۆلۈم جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاستە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك:
1) ۋاسىتىسى ۋەھشىي، تەسىرى يامان بولسا؛
2) باشقىلارنىڭ ئۆلۈۋېلىشى ياكى ئېلىشىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا؛
3) ناھەق، يالغان، خاتا دېلو پەيدا قىلغان بولسا؛
4) ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ياكى ئۈچتىن ئارتۇق ئادەمدىن زورلۇق بىلەن گۇۋاھلىق ئالغان بولسا؛
5) باشقىلارغا زورلۇق بىلەن گۇۋاھلىق ئېلىش ھەققىدە ئەقىل كۆرسەتكەن، ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا كۈشكۈرتكەن، زورلىغان بولسا.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاستە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1. چوڭ دېلو
(1) ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى ياكى ئېلىشىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا؛
(2) بەش قېتىمدىن ئارتۇق ياكى بەشتىن ئارتۇق ئادەمدىن زورلۇق بىلەن گۇۋاھلىق ئالغان بولسا؛
2. پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو
(1) ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولسا؛
(2) يەتتە قېتىمدىن ئارتۇق ياكى يەتتىدىن ئارتۇق ئادەمدىن زورلۇق بىلەن گۇۋاھلىق ئالغان بولسا.