UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتتوپلىشىپ دۆلەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش جىنايىتى

توپلىشىپ دۆلەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - توپلىشىپ دۆلەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئاقسىتىپ، ئېغىر زىيان پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئاقسىتىپ، ئېغىر زىيان پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ (جىنايى جاۋابكارلىق يېشىغا تولغان ۋە جىنايى جاۋابكارلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلاردىن دۆلەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ياكى ئۇنسۇرلار ۋە ئاكتىپ قاتناشقۇچىلار بولىدۇ). 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 290 - ماددا 2 - تارماق توپلىشىپ دۆلەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئاقسىتىپ ئېغىر زىيان پەيدا قىلغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت