پۇل مۇئامىلە تالون - ئىسپاتلىرىنى ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - پېرېۋوت چېكى، خاس چەك ۋە پۇل چېكىنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان، ھاۋالە كىرىم دۇكۇمېنتى، پېرېۋوت دوكۇمېنتى، بانكىغا قويۇلغان ئامانەت پۇل تالونى قاتارلىق بانكا راسچوتىنىڭ باشقا دوكۇمېنتلىرىنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان؛ كرېدىت گۇۋاھنامىسى ياكى قوشۇمچە تالون، ھۆججەتلەرنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان، كرېدىت كارتوچكىسى ياسىغان قاتارلىق قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلىپ، پۇل مۇئامىلە تالون - ئىسپاتلىرىنى ياسىغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسىغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - نورمال پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە تۆۋەندىكى تۆت خىل قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، پېرېۋوت چېكى، خاس چەك ۋە پۇل چېكىنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغانلار؛ ئىككىنچى، ھاۋالە كىرىم دوكۇمېنتى، پېرېۋوت پۇل دوكۇمېنتى، بانكىغا قويۇلغان ئامانەت پۇل تالونى قاتارلىق بانكا راسچوتىنىڭ باشقا دوكۇمېنتلىرىنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغانلار؛ ئۈچىنچى، كرېدىت گۇۋاھنامىسى ياكى قوشۇمچە تالون، ھۆججەتلەرنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغانلار؛ تۆتىنچى، كرېدىت كارتوچكىسى ياسىغانلار.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
177 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، پۇل مۇئامىلە تالون - ئىسپاتلارنى ياسىغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسىغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
(1) پېرېۋوت چېكى، خاس چەك ۋە پۇل چېكىنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغانلار؛
(2) ھاۋالە كىرىم دوكۇمېنتى، پېرېۋوت پۇل دوكۇمېنتى، بانكىغا قويۇلغان ئامانەت پۇل تالونى قاتارلىق بانكا راسچوتىنىڭ باشقا دوكۇمېنتلىرىنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغانلار؛
(3) كرېدىت گۇۋاھنامىسى ياكى قوشۇمچە تالون، ھۆججەتلەرنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغانلار؛
(4) كرېدىت كارتوچكسىنى ياسىغانلار.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىلى 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
پۇل مۇئامىلە تالون - ئىسپاتلىرىنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1) قىممىتى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل مۇئامىلە تالون - ئىسپاتلىرىنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغانلار؛
2) 10 ۋاراقتىن ئارتۇق پۇل مۇئامىلە تالون - ئىسپاتلىرىنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغانلار.