UyghurWiki›422 جىنايەت›نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ تالون تارقىتىش، سېتىش، باج پۇلىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش ۋە ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى بېرىش جىنايىتى
نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ تالون تارقىتىش، سېتىش، باج پۇلىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش ۋە ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى بېرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - باج ئورگىنى خادىملىرىدىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تالون تارقىتىش، سېتىش، باج پۇلىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش ۋە ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى بېرىش خىزمىتىدە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - باج ئورگانلىرىنىڭ باج يىغىشىنى باشقۇرۇش پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تالون تارقىتىش، سېتىش باج پۇلىنى چىقىرىۋېتىش، ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى بېرىش خىزمىتىدە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشى بۇلۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى باج ئورگىنى خادىملىرى، ئاساسلىقى تالون تارقىتىش، سېتىش، باج پۇلىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش ۋە ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى بېرىش خىزمىتىگە مەسئۇل باج خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
405 - ماددا 1 - تارماق باج ئورگىنى خادىملىرىدىن قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تالون تارقىتىش، سېتىش، باج پۇلىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش ۋە ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى بېرىش خىزمىتىدە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛
(1) يۈز - خاتىرە قىلىپ ۋە شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ، قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ماتېرىيال توقۇپ چىقىپ، ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، ساختىپەزلىك قىلىپ، سېتىشقا تېگىشلىك بولمىغان تالوننى سېتىپ، ئوغرىلاپ چىقىرىۋېتىشكە تېگىشلىك بولمىغان باج پۇلىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ، ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغانلىرىغا باج قايتۇرمىسى بېرىپ ياكى سېتىشقا تېگىشلىك بولمىغان تالوننى سېتىشنى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشكە تېگىشلىك بولمىغان باج پۇلىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بېكىتىپ، ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى بېرىپ، دۆلەتنىڭ باج كىرىمىنى جەمئىي 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيانغا ئۇچراتقان بولسا؛
(2) نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ زىيانغا ئۇچراتقان دۆلەتنىڭ باج كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىسىمۇ، پارا تەلەپ قىلىش، ئېلىش قىلمىشى ياكى باشقا قەبىھ قىلمىشى بولسا.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
دۆلەتنىڭ باج كىرىمىگە سالغان زىيىنى يىغىپ ھېسابلىغاندا 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا.
2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
دۆلەتنىڭ باج كىرىمىگە سالغان زىيىنى يىغىپ ھېسابلىغاندا 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا.