UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتسۇ مەھسۇلاتلىرىنى قانۇنسىز تۇتۇش جىنايىتى

سۇ مەھسۇلاتلىرىنى قانۇنسىز تۇتۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - سۇ مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى قوغداش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنغان رايونلاردا، مەنئى قىلىنغان مەۋسۈملەردە ياكى مەنئى قىلىنغان قورال - سايمان ۋە ئۇسۇللار بىلەن تۇتقان ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - سۇ مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى قوغداش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى سۇ مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى قوغداش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنغان رايونلاردا، مەنئى قىلىنغان مەۋسۈملەردە ياكى مەنئى قىلىنغان قورال سايمان ۋە ئۇسۇللار بىلەن بېلىق تۇتقان ئېغىر قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 340 - ماددا سۇ مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى قوغداش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنغان رايونلاردا، مەنئى قىلىنغان مەۋسۈملەردە ياكى مەنئى قىلىنغان قورال - سايمان ۋە ئۇسۇللار بىلەن تۇتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ. 346 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىك 338 - ماددىدىن 345 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافنىڭ ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
سۇ مەھسۇلاتلىرىنى قانۇنسىز تۇتۇش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki