UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتتىل بىرىكتۈرۈپ خېرىدارلىققا چىقىش جىنايىتى

تىل بىرىكتۈرۈپ خېرىدارلىققا چىقىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - خېرىدارلىققا چىققۇچىلار باھا ئۈستىدە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، خېرىدار چاقىرغۇچىلار ياكى باشقا خېرىدارلىققا چىققۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ نورمال ئىقتىسادىي تەرتىپى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە خېرىدارلىققا چىقىش جەريانىدا، خېرىدارلىققا چىققۇچىلار باھا ئۈستىدە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، خېرىدار چاقىرغۇچىلار ياكى باشقا خېرىدارلىققا چىققۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئورتاق زىيان كەلتۈرگەن ياكى خېرىدارلىققا چىققۇچىلار بىلەن خېرىدارلىققا چاقىرغۇچىلار تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، دۆلەت، كوللېكتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن ئېغىر قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېت مەزمونلىرى مۇنداق: بىرىنچى، خېرىدارلىققا چىققۇچىلار تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، نىشاندىكى باھانى بېكىتىپ، خېرىدارلىققا چاقىرغۇچىلار ۋە باشقا خېرىدارلىققا چىققۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش؛ ئىككىنچى، خېرىدارلىققا چىققۇچىلار بىلەن خېرىدارلىققا چاقىرغۇچىلار ئۆز ئارا تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ خېرىدارلىققا چىقىپ، دۆلەت، كوللېكتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش؛ ئۈچىنچى، قىلمىشى ئېغىر بولغان بولۇش. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى خېرىدارلىققا چىقىش، چاقىرىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئورۇن ۋە شەخسلەر بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن بولغان بولىدۇ. 223 - ماددا خېرىدارلىققا چىققۇچىلار باھا ئۈستىدە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، خېرىدار چاقىرغۇچىلار ياكى باشقا خېرىدارلىققا چىققۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرىدىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. خېرىدارلىققا چىققۇچىلار بىلەن خېرىدار چاقىرغۇچىلاردىن خېرىدار چىقىش ئۈستىدە تىل بىرىكتۈرۈېلىپ، دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇنىي مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 231 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 221 - ماددىدىن 230 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) خېرىدارلىققا چىققۇچىلار باھا ئۈستىدە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ ياكى خېرىدارلىققا چىققۇچىلار بىلەن خېرىدار چاقىرغۇچىلاردىن خېرىدار چىقىش ئۈستىدە تىل بىرىكتۈرۈېلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1) خېرىدار چاقىرغۇچى، خېرىدارلىققا چىققۇچى ياكى دۆلەت، كوللېكتىپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ 2) خېرىدارلىققا چىققۇچى، خېرىدار چاقىرغۇچىغا ئوخشاش خېرىدارلىققا چىقىش، خېرىدار چاقىرىش پائالىيىتىگە قاتناشقان باشقا كىشىلەرگە تەھدىت سېلىش، ئالداش قاتارلىق قانۇنسىز ۋاسىتىلەرنى قوللانغان بولسا؛ 3) يۇقىرىقى سومما ئۆلچىمىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خېرىدار چىقىش ئۈستىدە تىل بىرىكتۈرۈپ، ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەمۇرىي جازاغا ئۇچرىغان تۇرۇقلۇق، يەنە خېرىدار چىقىش ئۈستىدە تىل بىرىكتۈرگەن بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
تىل بىرىكتۈرۈپ خېرىدارلىققا چىقىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki