UyghurWiki›422 جىنايەت›قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنى قانات ئاستىغا ئېلىش، ئۇنىڭغا يول قويۇش جىنايىتى
قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنى قانات ئاستىغا ئېلىش، ئۇنىڭغا يول قويۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىدىن قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنى قانات ئاستىغا ئالغان ياكى قارا جەمئىيەت تۈسىدىكى تەشكىلاتنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەت تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە تۆۋەندىكى ئىككى خىل قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ: بىرى، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنى قانات ئاستىغا ئالغان قىلمىش؛ يەنە بىرى، قارا جەمئىيەت تۈسىدىكى تەشكىلاتنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويغان قىلمىش.
3. سۇبيېكتى - دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
294 - ماددا 4 - تارماق دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىدىن قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنىڭ قانۇغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلوسىغا قاراپ چىقىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشتىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 - يىل 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى)
5 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 294 - ماددىسىنىڭ 4 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن <قانات ئاستىغا ئېلىش> دېگەنلىك، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىدىن قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆىنى قاچۇرۇشى ئۈچۈن خەۋەر يەتكۈزۈپ قويۇش، يوشۇرۇش، ئىسپاتنى يوقىتىۋېتىش، دەلىل - ئىسپات ئويدۇرۇپ چىقىش، باشقىلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىنى، پاش قىلىشىنى ۋە ئاشكارىلىشىنى توسۇش، باشقىلارغا يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە كۆرسەتمە بېرىش، قېچىپ كېتىشكە ياردەم بېرىش ياكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ باشقا خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشى، مەنئى قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش قاتارلىق قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 294 - ماددىسىنىڭ 4 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن <يول قويۇش> دېگەنلىك، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىدىن ئۆز بۇرچىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماسلىق، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
6 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىدىن قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنى قانات ئاستىغا ئالغان، ئۇنىڭغا يول قويغانلاردىن تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 294 - ماددىسىنىڭ 4 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن <قىلمىشى ئېغىر> غا كىرىدۇ.
(1) قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنىڭ چېگرا ئاتلاپ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىشىنى قانات ئاستىغا ئالغان، ئۇنىڭغا يول قويغان بولسا؛
(2) چېگرا سىرتىدىكى قارا جەمئىيەت تەشكىلاتنىڭ چېگرا ئىچىدە قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىش ئېلىپ بېرىشىنى قانات ئاستىغا ئالغان، ئۇنىڭغا يول قويغان بولسا؛
(3) قانات ئاستىغا ئېلىش، يول قويۇش قىلمىشىنى كۆپ قېتىم ئېلىپ بارغان بولسا؛
(4) مەلۇم بىر رايون ياكى كەسىپتىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەرتىپىنى قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنىڭ پەۋقۇلئاددە زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچراتقان بولسا؛
(5) قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنى ئۇيۇشتۇرغانلار، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغانلارنى قاچۇرۋەتكەن ياكى قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنى تەكشۈرۈش، مەنئى قىلىش خىزمىتىنى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچراتقان بولسا؛
(6) باشقا ئېغىر قىلمىش بولسا.
7 - ماددا قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات ۋە قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنى ئۇيۇشتۇرغان، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان، قاتناشقان جىنايەتچى ئۇنسۇرلار توپلىغان پۇل - مال ۋە ئۇلارنىڭ تاپاۋىتى، شۇنىڭدەك جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئىشلىتىلگەن سايمان - جابدۇقلارنى قانۇن بويىچە يىغىۋېلىش، مۇسادىرە قىلىش كېرەك.