UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتچېگرا سىرتىدا ئامانەت قويغان پۇلىنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماسلىق جىنايىتى

چېگرا سىرتىدا ئامانەت قويغان پۇلىنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماسلىق جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت خادىملىرىنىڭ چېگرا سىرتىدا ئامانەت قويغان پۇلىنى قانۇن بويىچە مەلۇم قىلىشقا تېگىشلىك تۇرۇپ، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلمىغان، سوممىسى خېلى كۆپ بولغان قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - مۇرەككەپ ئوبيېكت، يەنى دۆلەتنىڭ پاكلىق تۈزۈمى ۋە تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەت خادىملىرىنىڭ چېگرا سىرتىدا ئامانەت قويغان پۇلىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەلۇم قىلىشقا تېگىشلىك تۇرۇپ، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلمىغان، شۇنداقلا سوممىسى خېلى كۆپ بولغان قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولۇپ، پەقەت دۆلەت خادىملىرىدىنلا تەركىب تاپىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 395 - ماددا 2 - تارماق دۆلەت خادىملىرى چېگرا سىرتىدا ئامانەت قويغان پۇلىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەلۇم قىلىشى كېرەك. سوممىسى كۆپرەك بولۇپ، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلمىغانلارغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۇلار تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان ئەھۋالغا قاراپ مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) چېگرا سىرتىدا ئامانەت قويغان پۇلنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماسلىق جىنايىتىدە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋال بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛ چېگرا سىرتىدا ئامانەت قويغان خەلق پۇلى ھېسابىدىكى 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى يوشۇرغانلارغا دېلو ئېچىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
چېگرا سىرتىدا ئامانەت قويغان پۇلىنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماسلىق جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki