UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتتۆمۈريول ترانسپورتىدا بىخەتەرلىك ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى

تۆمۈريول ترانسپورتىدا بىخەتەرلىك ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - تۆمۈريول ئىشچى - خىزمەتچىلىرىدىن قائىدە - تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆمۈريول ترانسپورتىدا بىخەتەرلىك ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قائىدە - تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆمۈريول ترانسىپورتىدا بىخەتەرلىك ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 2. ئوبيېكتى - تۆمۈريول ترانسپورتىنىڭ نورمال تەرتىپى ۋە تۆمۈريول ترانسپورتىنىڭ بىخەتەرلىكى بولىدۇ. 3. سۇبېيكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى تۆمۈريول ئىشچى - خىزمەتچىلىرى بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 132 - ماددا تۆمۈريول ئىشچى - خىزمەتچىلىرىدىن قائىدە - تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆمۈريول ترانسپورتىدا بىخەتەرلىك ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت