مەشھۇر ئاسار - ئەتىقىلەرنى قەستەن بۇزۇۋېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەت قوغداۋاتقان ئاسار - ئەتىقىلەرنى قەستەن بۇزغان ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ مەشھۇر ئاسار - ئەتىقىلەرنى قوغداشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ھەر خىل ۋاسىتە، ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، مەشھۇر ئاسار - ئەتىقىلەرنى چېقىپ، بۇزۇپ، مەينەت قىلىۋېتىپ، قالايمىقان رەسىم سىزىپ ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئېغىر قىلمىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
324 - ماددا 2 - تارماق دۆلەت قوغداۋاتقان ئاسار - ئەتىقىلەرنى قەستەن بۇزغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.