UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتدۆلەت ئاكسىيىسىنى ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش جىنايىتى

دۆلەت ئاكسىيىسىنى ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - خەزىنە چېكى ياكى دۆلەت تارقاتقان ئاكسىيىلىرىنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئاكسىيىگە مۇناسىۋەتلىك پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە خەزىنە چېكى ياكى دۆلەت تارقاتقان ئاكسىيىلەرنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغانلاردىن مىقدارى 2000 يۈەندىن يۇقىرى بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 178 - ماددا 1 - تارماق ۋە 3 - تارماق خەزىنە چېكى ياكى دۆلەت تارقاتقان باشقا ئاكسىيىلەرنى ياسىغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسىغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتىسز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) خەزىنە چېكى ياكى دۆلەت تارقاتقان باشقا ئاكسىيىلەرنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغانلاردىن مىقدارى 2000 يۈەندىن ئارتۇق بولغانلار سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
دۆلەت ئاكسىيىسىنى ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki