UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئوت كەتكۈزۈۋېتىش جىنايىتى

ئوت كەتكۈزۈۋېتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جامائەت خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - جامائەت خەۋپسىزلىكى (خاسلىققا ئىگە بولمىغا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى، جامائەتنىڭ ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ زور مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى) بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئوت كەتكۈزۈۋېتىپ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىش ئېلىپ بېرىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغان قىلمىشتا ئىپادىلىندۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 115 - ماددا 1 - تارماق ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، شۇنىڭدەك زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتلەرنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
ئوت كەتكۈزۈۋېتىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki