مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ قاماقتىكىلەرنى قاچۇرۇپ قويۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ خىزمەتتە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار ياكى جىنايەتچىنى قاچۇرۇپ قويۇپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار ياكى جىنايەتچىنى قاچۇرۇپ قويۇپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - پەقەت دۆلەتنىڭ ئەدلىيە ئورگىنى خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
400 - ماددا 2 - تارماق ئەدلىيە خادىملىرىدىن خىزمەتتە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار ياكى جىنايەتچىنى قاچۇرۇپ قويۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 01 يىلدىن تۆۋن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛
1) قانۇن بويىچە 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بولغان ياكى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار، جىنايەتچىنى قاچۇرۇپ قويغان بولسا؛
2) جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار، جىنايەتچىنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق قاچۇرۇپ قويغان ياكى بىر قېتىمدا ئۈچتىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار، جىنايەتچىنى قاچۇرۇپ قويغان بولسا؛
3) جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار، جىنايەتچى قېچىپ كەتكەندىن كېيىن شىكايەت قىلغۇچى، پاش قىلغۇچى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، گۇۋاھچى ۋە ئەدلىيە خادىملىرى قاتارلىق كىشىلەردىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغان ياكى داۋملىق جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسا؛
4) قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار ۋە جىنايەتچىنى قاچۇرۇپ قويۇپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان باشقا قىلمىشلار بولسا.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەۇرز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1. <چوڭ دېلو> تورغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) بەشتىن ئارتۇق ئادەمنى قاچۇرۇپ قويغان بولسا؛
(2) مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىش ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈش ئېھتىمالى بار ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايەتچىسىنى قاچۇرۇپ قويغان بولسا؛
(3) قاماقتىكى ئادەم قېچىپ كەتكەندىن كېيىن ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا.
2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) 10 دىن ئارتۇق ئادەمنى قاچۇرۇپ قويغان بولسا؛
(2) ئۆلۈم جازاسى بېرىلىش ئېھتىمالى ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايەتچىسىنى قاچۇرۇپ قويغان بولسا؛
(3) قاماقتىكى ئادەم قېچىپ كەتكەندىن كېيىن ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا.