باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ ۋە ئالداپ زەھەر چەكتۈرۈش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ ۋە ئالداپ زەھەرلىك بۇيۇم چەكتۈرگەن، ئىستېمال قىلدۇرغان ۋە ئوكۇل قىلىپ سالدۇرغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە باشقىلارنىڭ تەن ساغلاملىقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ھەرخىل ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ ۋە ئالداپ زەھەر چەكتۈرگەن قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
353 - ماددا باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ ۋە ئالداپ زەھەرلىك بۇيۇم چەكتۈرگەن، ئىستېمال قىلدۇرغان ۋە ئوكۇل قىلىپ سالدۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
باشقىلارغا زورلاپ زەھەرلىك بۇيۇم چەكتۈرگەن، ئىستېمال قىلدۇرغان ۋە ئوكۇل قىلىپ سالدۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ، ئالداپ ياكى زورلاپ زەھەرلىك بۇيۇم چەكتۈرگەن، ئىستېمال قىلدۇرغان ۋە ئوكۇل سالدۇرغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
356 - ماددا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن مۇشۇ پاراگرافتا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى يەنە ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <>مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چەكلەش توغرىسىدىكى قارارى< نى ئىجرا قىلىشتىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات> نى بېسىپ تارقاتقانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى
(1994 - يىل 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
س