شەھۋانىي ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى قويۇشنى ئۇيۇشتۇرۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - شەھۋانىي تېلېۋىزىيە فىلىمى، ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى قويۇشنى قەستەن ئۇيۇشتۇرۇش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات بولىدۇ، جىنايەت نىشانى بولسا شەھۋانىي ئۈن - سىن بۇيۇملىرى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە شەھۋانىي تېلېۋىزىيە فىلىمى، ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى قويۇشنى ئۇيۇشتۇرۇش قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولۇپ، تەبىئىي ئادەم ۋە ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
364 - ماددا شەھۋانىي كىتاب - ژۇرنال، كىنو فىلىمى، ئۈن - سىن بۇيۇمى، سۈرەت ياكى باشقا شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقاتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ،
شەھۋانىي كىنو، سىنئالغۇ فىلىمى قاتارلىق ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى قويۇشنى ئۇيۇشتۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
شەھۋانىي كىنو، سىنئالغۇ فىلىمى قاتارلىق ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ ۋە كۆپەيتىپ، قويۇشنى ئۇيۇشتۇرغانلارغا ئىككىنچى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
18 ياشقا توشمىغانلارغا شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقاتقانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
366 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 363 -، 364 -، 365 - ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا شۇ ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇنسىز نەشر بۇيۇمى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشتىكى بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(1998 - يىل 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى)
10 - ماددا، 16 - ماددا ۋە 18 - ماددا (مەزكۇر كىتابنىڭ 509 - بېتىدىكى <شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقىتىش جىنايىتى> دىن پايدىلىنىڭ).