دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەتنى پارچىلاش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتۇرلۇقىدىكى ھاكىمىيەت سوتسىيالىستىك تۈزۈم بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەتنى پارچىلاش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ئۇيۇشتۇرۇش، پىلانلاش، ئېلىپ بېرىش قىلمىشلىرىدا ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكتىپ بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
103 - ماددا دۆلەتنى پارچىلاش، دۆلەتنڭ بىرلىكىنى بۇزۇش ھەرىكەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان، پىلانلىغان ۋە ئېلىپ بارغانلاردىن باش ئۇنسۇرلاغا ياكى جىنايى ئېغىرلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
106 - ماددا چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، مۇشۇ بابنىڭ 103 -، 104 -، 105 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە شۇ ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
113 - بۇ بابتا ئېيتىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايەتلىرىدىن 103 - ماددىنىڭ 2 - تارمىقىدا، 105 -، 107 - ۋە 109 - ماددىلاردا كۆرسىتىلگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دۆلەتكە ۋە خەلققە يەتكۈزگەن خەۋپى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسە بولىدۇ.
مۇشۇ بابتا ئېيتىلغان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى قوشۇمچە بېرىلسە بولىدۇ.
56 - ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ قەستەن قاتىلللىق قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، ئوت قويۇش، پارتلىتىش، زەھەر سېلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئوخشاش قىلمىشلىرى بىلەن جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنسا بولىدۇ.
سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسىنى ئايرىم بېرىشتە، مۇشۇ قانۇننىڭ خاس پرىنسىپىدىكى بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى
(1993 - يىلى 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى)
4 - ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە پۇقرا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارسا، جەزمەن قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر ئېلىپ بارغان ياكى ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى، ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن باشقىلار ئېلىپ بارغان ياكى چېگرا ئىچىدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ ئېلىپ بارغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ:
(1) ھۆكۈمىتىمىزنى ئاغدۇرۇشقا، دۆلەتنى پارچىلاشقا، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا سۈيقەست قىلىش؛
23 - ماددا چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر ئېلىپ بارغان ياكى ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى، ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن باشقىلار ئېلىپ بارغان ياكى چېگرا ئىچىدىكى تەشكىلاتلار، شەخسلەر چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئېلىپ بارغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردىن جىنايەت شەكىللەنگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
25 - ماددا چېگرا سىرتىدا تەھدىتكە ئۇچراش ياكى باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن دۈشمەن تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلاردىن ئۆز ۋاقتىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىغا ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتقان ياكى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن بىۋاستە ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق تەشكىل ئارقىولىق ئۆز ۋاقتىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ئەھۋالنى ئەينەن مەلۇم قىلغانلار سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سادىر قىلغان جىنايەت دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا قانۇنلارنى كونكرېت تەبىقلاشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(1999 - يىل 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 300 - ماددىسىدىكى < بىدئەتچى تەشكىلات> دېگەندە، دىن، يەل گۇمپىسى ياكى باشقا ناملار بىلەن قۇرۇلغان كاتتىۋېشى سىرلىقلاشتۇرۇلغان، خۇراپىي سەپسەتىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، تارقىتىشتەك ۋاسىتىلەر بىلەن باشقىلارنى ئازدۇرۇپ، ئالداپ، ئەزا تەرققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئۇلارنى تىزگىنلەپ جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزگەن قانۇنسىز تەشكىلات كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
7 - ماددا بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ دۆلەت پارچىلاش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ياكى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرغان. پىلانلىغان، ئېلىپ بارغان ۋە قۇتراتقانلارغا ئايرىم - ئايرىم جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 103 -، 105 -، 113 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
8 - ماددا بىدئەتچىلەر تەشكىلاتى ۋە بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ دۆلەت قانۇنىنىڭ بىر تۇتاش يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان جىنايەتچىلەرنىڭ ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قانۇنسىز ئىگە بولغان پۇل - مېلىنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئىشلەتكەن قورال، تەشۋىقات بۇيۇمى قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە تاپشۇرتقۇزۇ، مۇسادىرە قىلىش كېرەك.
9 - ماددا بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى تەشكىللىگەن، پىلانلىغان، قوماندانلىق قىلغانلار ۋە قايتا - قايتا تەربىيە قىلسىمۇ ئۆزگەرمەي ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلارنى قانۇنى ۋە مۇشۇ ئىزاھاتتىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، خىزمەت كۆرسەتكەنلەر قانۇن بويىچە يېنىك، يېنىكلىتىپ جازالىنىدۇ ياكى جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىغا قايمۇقتۇرۇلۇپ، مەجبۇرىي قاتناشقانلار ھەمدە بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىدىن قايتىپ چىققان ۋە ئۇنىڭغا قايتا قاتناشمىغانلرنى جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ.