كېمە - پاراخوت، ئاپتوموبىللارنى بۇلاش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن كېمە - پاراخوت ئاپتوموبىللارنى بۇلاپ، قاتناش باشقۇرۇش ۋە جامائەت ئامانلىقىغا خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەتنىڭ خەۋپسىزلىكى (كېمە - پاراخوت، ئاپتوموبىللارنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە يولۇچىلارنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنىڭ بىخەتەرلىكى) بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن قانۇنسىز ھالدا كېمە - پاراخوت، ئاپتوموبىللارنى بۇلىغا قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
112 - ماددا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى ياكى باشقا يوللار بىلەن كېمە - پاراخوت، ئاپتوموبىللارنى بولىغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.