UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىمپورت قىلىش جىنايىتى

قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىمپورت قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - مەسئۇل تارماقلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى خام ئەشيا ئورنىدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىمپورت قىلىپ، مۇھىت ئېغىر بۇلغىنىش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ مۇھىتنى قوغداش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە تۆۋەندىكى ئىككى خىل ھالەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى خام ئەشيا ئورنىدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىمپورت قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ؛ ئىككىنچى، بۇ خىل قىلمىش زور مۇھىت بولغاش ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، جامائەت، شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىشى ۋە ئادەملەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ جىنايەت ئاقىۋەت پەيدا قىلغان جىنايەت بولۇپ، پەقەت قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغاندىلا، ئاندىن جىنايەت شەكىللىنىدۇ. يۇقىرىدىكى ئىككى شەرتنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇن) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 339 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى خام ئەشيا ئورنىدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىمپورت قىلىپ، مۇھىت ئېغىر بۇلغىنىش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلار ياكى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. خام ئەشيادىن پايدىلىنىش نامىدا، خام ئەشيا قىلىپ ئىشلەتكىلى بولمايدىغان قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئىمپورت قىلغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 155 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. 346 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 338 - ماددىدىن 345 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافنىڭ ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىمپورت قىلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki