قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سەۋەنلىك بىلەن بۇزۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - سەۋەنلىك بىلەن پويىز، ئاپتوموبىل، ترامۋاي - تراللىبۇس، كېمە - پاراخوت، ئاۋىئاتسىيە قاتارلىق قاتناش قوراللىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشقا قارىتىلغان.
1. ئوبيېكتى - قاتناش - ترانسىپورت بىخەتەرلىكى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى سەۋەنلىك بىلەن ئاپتوموبىل، پويىز، ترامۋاي - تراللىبۇس، كېمە - پاراخوت، ئاۋىئاتسىيە قاتارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ۋەيران قىلىپ، قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ كېتىشى، ئادەملەرنىڭ زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى ياكى مال - مۈلكىنىڭ زور زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
119 - ماددا قاتناش ۋاسىتىلىرى، قاتناش ئەسلىھەلىرى، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، يېقىلغۇ گاز ئۈسكۈنىلىرىگە، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ئۈسكۈنىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتلەرنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.