UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتچېگرادىن چىقىش گۇۋاھنامىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش جىنايىتى

چېگرادىن چىقىش گۇۋاھنامىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئەمگەك كۈچى چىقىرىش، ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى قىلىش نامىدا ياكى باشقا ناملاردا ساختىپەزلىك قىلىپ، پاسپورت، ۋىزا قاتارلىق چېگرادىن چىقىش گۇۋاھنامىلىرىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئۇنى باشقىلارنى دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرۇشقا ئىشلەتكەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئەمگەك كۈچى چىقىرىش، ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى قىلىش ياكى چەت ئەلگە چىقىپ تەكشۈرۈش، ساياھەت قىلىش قاتارلىق ناملار بىلەن ساختىپەزلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن پاسپورت، ۋىزا قاتارلىق باشقا دۆلەتكە چىقىشتا چوقۇم لازىملىقى بولىدىغان چېگرادىن چىقىش گۇۋاھنامىلىرىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، باشقىلارنى دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرۇشقا ئىشلىتىشكە بەرگەن قىلمىشنى ئېلىپ بارغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (ئورۇن ۋە شەخسلەر) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 319 - ماددا ئەمگەك كۈچى چىقىرىش، ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى قىلىش نامىدا ياكى باشقا ناملاردا ساختىپەزلىك قىلىپ، پاسپورت، ۋىزا قاتارلىق چېگرادىن چىقىش گۇۋاھنامىلىرىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، باشقىلارنى دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرۇشقا ئىشلەتكەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە دېلو تۇرغۇزۇش ئۆلچىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش (2000 - يىل 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى) 1. دېلو تۇرغۇزۇش ئۆلچىمى 2) چېگرادىن چىقىش گۇۋاھنامىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش دېلوسى (1) ئەمگەك مۇلازىمىتىنى ئېكسپورت قىلىش، ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى ياكى باشقا ناملاردا ساختىپەزلىك قىلىپ پاسپورت، يول خېتى، ساياھەت كىنىشكىسى، دېڭىزچىلار كىنىشكىسى، ۋىزا قاتارلىق چېگرادىن چىقىش گۇۋاھنامىسى )تۆۋەندە قىسقارتىلىپ چېگرادىن چىقىش گۇۋاھنامىسى دەپ ئېلىنىدۇ( نى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، باشقىلارنىڭ دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشىگە ئىشلەتكەنلەرنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلەش كېرەك؛ (2) چېگرادىن چىقىش گۇۋاھنامىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلاردىن تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، زور دېلو قاتارىدا دېلو تۇرغۇزۇش كېرەك: ① چېگرادىن چىقىش گۇۋاھنامىسىدىن 5 - 19 نى ئالداپ ئېلىۋالغان بولسا؛ ② قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىگە چېگرادىن چىقىش گۇۋاھنامىسىنى ئالداپ ئېلىپ بەرگەن بولسا؛ ③ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت 100 - 200 مىڭ يۈەن بولسا؛ ④ باشقا ئېغىر قىلمىش بولسا. (3) چېگرادىن چىقىش گۇۋاھنامىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلاردىن تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەر ئۈستىدە پەۋقۇلئاددە زور دېلو قاتارىدا دېلو تۇرغۇزۇش كېرەك: ① چېگرادىن چىقىش گۇۋاھنامىسىدىن 20 دىن ئارتۇقنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولسا؛ ② قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت 200 مىڭ يۈەندىن ئاشقان بولسا؛ ③ باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىش بولسا. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2002 - يىل 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى يولغا قويغان باشقىلارنى دۆلەت چېگرىسىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرغان، توشۇغان قاتارلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا قارىتا قانۇننى تەدبىقلاشقا ئالاقىدار ئىزاھاتنىڭ 3 - ماددىسىدىن پايدىلىنىڭ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت