UyghurWiki›422 جىنايەت›ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى
ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ قۇتقۇزۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش ۋەزىپە پائالىيىتى ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پائالىيىتىنىڭ ئىناۋىتى.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزماسلىق قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
416 - ماددا 2 - تارماق قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ قۇتقۇزۇشقا توسقۇنلۇق قىلغانلىرىغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش لازىم؛
1) خىزمەتتە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئالاقىدار تارماق، خادىملارنىڭ ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇشنى چەكلىگەن، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغان ياكى دەخلى قىلغان بولسا؛
2) ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئالداپ ساتقۇچى، تۇتۇپ كەتكۈچى ياكى سېتىۋالغۇچىغا خەۋەر يەتكۈزۈپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا دەخلى يەتكۈزگەن بولسا؛
3) ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇشقا دەخلى يەتكۈزگەن باشقا قىلمىشى بولسا.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئايال ۋە بالىنى قۇتقۇزۇشقا ئۈچ قېتىم توسقۇنلۇق قىلغان ياكى ئۇلاردىن ئۈچتىن ئارتۇقىنى قۇتقۇزۇشقا توسقۇنلۇق قىلغان بولسا؛
(2) قۇتقۇزۇشقا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولسا.
2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئايال ۋە بالىنى قۇتقۇزۇشقا بەش قېتىم توسقۇنلۇق قىلغان يكى ئۇلاردىن بەشتىن ئارتۇقىنى قۇتقۇزۇشقا توسقۇنلۇق قىلغان بولسا؛
(2) ئادەمنى قۇتقۇزۇشقا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولسا.