UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتباشقىلارغا ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىلگەن چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىسى بېرىش جىنايىتى

باشقىلارغا ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىلگەن چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىسى بېرىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - باشقىلارغا ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىلگەن پاسپورت، ۋىزا قاتارلىق چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى بەرگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە دۆلەتنىڭ چېگرادىن چىقىش - كىرىشنى باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى باشقىلارنى ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىلگەن پاسپورت، ۋىزا قاتارلىق چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىلىرى بىلەن تەمىنلىگەن قىلمىشنى ئېلىپ بارغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 320 - ماددا باشقىلارغا ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىلگەن پاسپورت، ۋىزا قاتارلىق چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى بەرگەنلەرگە ياكى پاسپورت، ۋىزا قاتارلىق چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى ساتقانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2002 - يىل 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى يولغا قويغان باشقىلارنى دۆلەت چېگرىسىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرغان، توشۇغان قاتارلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا قارىتا قانۇننى تەدبىقلاشقا ئالاقىدار ئىزاھاتنىڭ 4 - ماددىسىدىن پايدىلىنىڭ. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە دېلو تۇرغۇزۇش ئۆلچىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش (2000 - يىل 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى) 1. دېلو تۇرغۇزۇش ئۆلچىمى 3) يالغاندىن ياسالغان، ئۆزگەرتىپ ياسالغان چېگرادىن چىقىش گۇۋاھنامىسى بىلەن تەمىن ئېتىش دېلوسى (1) باشقىلارنى يالغاندىن ياسالغان، ئۆزگەرتىپ ياسالغان پاسپورت، يول خېتى، ساياھەت كىنىشكىسى، دېڭىزچىلار كىنىشكىسى، ۋىزا قاتارلىق چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىسى )تۆۋەندە قىسقارتىلىپ چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىسى دەپ ئېلىنىدۇ( بىلەن تەمىن ئەتكەنلەرنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلەش كېرەك. (2) باشقىلارنى يالغاندىن ياسالغان، ئۆزگەرتىپ ياسالغان چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىسى بىلەن تەمىن ئەتكەنلەردىن تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەر ئۈستىدە زور دېلو قاتارىدا دېلو تۇرغۇزۇش كېرەك: ① باشقىلارنى يالغاندىن ياسالغان، ئۆزگەرتىپ ياسالغان چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىسىدىن 5 - 19 غىچە تەمىن ئەتكەن بولسا؛ ② قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىلەرنى يالغاندىن ياسالغان، ئۆزگەرتىپ ياسالغان، چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىسى بىلەن تەمىن ئەتكەن بولسا؛ ③ قانۇنسىز تاپاۋەت 100 - 200 مىڭ يۈەن بولسا؛ ④ باشقا ئېغىر قىلمىش بولسا. (3) باشقىلارنى يالغاندىن ياسالغان، ئۆزگەرتىپ ياسالغان چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىسى بىلەن تەمىن ئەتكەنلەردىن تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەر ئۈستىدە پەۋقۇلئاددە زور دېلو قاتارىدا دېلو تۇرغۇزۇش كېرەك؛ ① باشقىلارنى يالغاندىن ياسالغان، ئۆزگەرتىپ ياسالغان چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىسىدىن 20 دىن ئارتۇق تەمىن ئەتكەن بولسا؛ ② قانۇنسىز تاپاۋەت 200 مىڭ يۈەندىن ئاشقان بولسا؛ ③ باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىش بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت