تېررورلۇق ھەرىكىتىگە ماددىي ياردەم بېرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - تېررورلۇق ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغان تەشكىلات ياكى تېررورلۇق ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغان شەخس ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەتنىڭ خەۋپسىزلىكى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە تېررورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغان تەشكىلات ۋە تېررورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغان شەخسلەرگە ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
120 - ماددا 3 - تارماق، 4 - تارماق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان شەخسلەرگە ماددىي ياردەم بەرگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.