UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتپارا بېرىش جىنايىتى

پارا بېرىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلەپ، دۆلەت خادىملىرىغا پۇل - مال بەرگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ پاكلىق تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ پۇل - مال بىلەن دۆلەت خادىملىرىنى سېتىۋالغان قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە پارا بېرىش بىۋاسىتە قەستەنلىكتىنلا شەكىللىنىدۇ. 389 - ماددا نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلەپ، دۆلەت خادىملىرىغا پۇل - مال بېرىش پارا بېرىش جىنايىتى بولىدۇ. ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت خادىملىرىغا كۆپرەك پۇل - مال بەرگەنلەر ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ دۆلەت خادىملىرىغا تۈرلۈك نامدا ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى بەرگەنلەر پارا بەرگەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. قاقتى - سوقتى قىلىنغانلىقتىن، دۆلەت خادىملىرىغا پۇل - مال بەرگەن بولسىمۇ، نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلەر پارا بەرگەنلەر قاتارىغا كىرمەيدۇ. 390 - ماددا پارا بېرىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پارا بېرىپ نامۇۋاپىق مەنپەئەت ئالغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ياكى دۆلەت مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 01 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ. پارا بەرگەنلەر سۈرۈشتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن پارا بېرىش قىلمىشىنى ئۆزلۈكىدىن تاپشۇرسا، يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ. 393 - ماددا نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلەپ پارا بەرگەن ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت خادىملىرىغا ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى بەرگەن ئورۇنلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، پارا بېرىپ ئېرىشكەن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلارغا، مۇشۇ قانۇننىڭ 389 - ۋە 390 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. 391 - ماددا نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلەپ دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىغا پۇل - مال بەرگەن ياكى ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۈرلۈك نامدا ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى بەرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) پارا بېرىش جىنايىتىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛ 1) بەرگەن پارا سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛ 2) بەرگەن پارا سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەن بولسىمۇ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن بولسا؛ (1) قانۇنسىز مەنپەئەتنى كۆزلەپ پارا بەرگەن بولسا؛ (2) ئۈچتىن ئارتۇق ئادەمگە پارا بەرگەن بولسا؛ (3) پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە ئەدلىيە خادىملىرىغا، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارغا پارا بەرگەن بولسا؛ (4) دۆلەتنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان بولسا. قاقتى - سوقتى قىلىنغانلىقتىن، دۆلەت خادىملىرىغا پۇل - مال بېرىپ نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشكەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقنى پارا بېرىش جىنايىتى بويىچە سۈرۈشتۈرۈش لازىم.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت