UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتبوغالتىر، ستاتىستىكا خادىملىرىغا زەربە بېرىپ ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىش جىنايىتى

بوغالتىر، ستاتىستىكا خادىملىرىغا زەربە بېرىپ ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - شىركەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، ئورگان ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ بوغالتىرلىق قانۇنى، ستاتىستىكا قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى چەكلىگەن بوغالتىر، ستاتىستىكا خادىملىرىغا زەربە بېرىپ ئۇلاردىن ئۆچ ئالغان قەبىھ بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ بوغالتىرلىق، ستاتىستىكا باشقۇرۇش تۈزۈمى ھەم بوغالتىر، ستاتىستىكا خادىملىرىنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبېيكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ بوغالتىرلىق قانۇنى، ستاتىستىكا قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى چەكلىگەن بوغالتىر، ستاتىستىكا خادىملىرىغا زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولۇپ، شىركەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 255 - ماددا مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، بوغالتىرلىق قانۇنى، ستاتىستىكا قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى چەكلىگەن بوغالتىر، ستاتىستىكا خادىملىرىدىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغان شىركەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، ئورگان ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بوغالتىرلىق قانۇنى> 5 - ماددا 3 - تارماق، 46 - ماددىلاردىن پايدىلىنىڭ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستاتىستىكا قانۇنى (1996 - يىلى 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى) 7 - ماددا 3 - تارماق ستاتىستىكا ئاپپاراتى ۋە ستاتىستىكا خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلغاندا قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ھەرقانداق جاي، تارماق، ئورۇن رەھبەرلىرىنىڭ ستاتىستىكا ماتېرىيالىنى ئۆزگەرتىش ياكى ساختا سان ئويدۇرۇپ چىقىرىش قىلمىشلىرىنى رەت قىلغان، توسقان ستاتىستىكا خادىملىرىدىن ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 26 - ماددا 3 - تارماق ستاتىستىكا خادىملىرىدىن ستاتىستىكا ماتېرىيالىنى ئۆزگەرتىش، ساختا سان ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا ئارىلىشىپ قالغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، ئۇلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ ياكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈشى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت