UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتخەت - ئالاقە ئەركىنلىكىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتى

خەت - ئالاقە ئەركىنلىكىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - باشقىلارنىڭ خەت - چەكلىرىنى تىقىۋېلىپ، يىرتىپ تاشلاپ ياكى قانۇنسىز ئېچىپ، پۇقرالارنىڭ خەت - ئالاقە ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغان ئېغىر قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - پۇقرالارنىڭ خەت - ئالاقە ئەركىنلىك ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى باشقىلارنىڭ خەت - چەكلىرىنى تىقىۋالغان، يىرتىپ تاشلىۋەتكەن ياكى قانۇنسىز ئاچقان، قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 252 - ماددا باشقىلارنىڭ خەت - چەكلىرىنى تىقىۋېلىپ، يىرتىپ تاشلاپ ياكى قانۇنسىز ئېچىپ، پۇقرالارنىڭ خەت - ئالاقە ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بىر يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاستە قوبۇل قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىغا، جىسمانىي ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش دېلولىرىدا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (1989 - يىل 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى) 41 - نومۇرلۇق ئونىنچى، پۇقرالارنىڭ خەت - ئالاقە ئەركىنلىكىگە دەخلى - تەرۇز قىلىشقا ئائىت دېلولار (جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 149 - ماددىسى). باشقىلارنىڭ خەت - چەكلىرىنى تىقىۋېلىپ، يىرتىپ تاشلاپ ياكى قانۇنسىز ھالدا ئېچىپ كۆرۈپ، پۇقرالارنىڭ خەت - ئالاقە ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، دېلو ئېچىش كېرەك: 1. باشقىلارنىڭ خەت - چەكلىرىنى تىقىۋېلىپ، يىرتىپ تاشلاپ ياكى قانۇنسىز ھالدا ئېچىپ كۆرگەن، قېتىم سانى بىر قەدەر كۆپ ياكى مىقدارى بىر قەدەر زور بولسا؛ 2. باشقىلارنىڭ خەت - چەكلىرىنى تىقىۋېلىپ، يىرتىپ تاشلاپ ياكى قانۇنسىز ھالدا ئېچىپ كۆرۈپ، باشقىلارنىڭ خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىغا ئېغىر دەخلى يەتكۈزسە ياك ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر زىيانغا ئۇچراتسا؛ 3. باشقىلارنىڭ خەت - چەكلىرىنى قانۇنسىز ھالدا ئېچىپ كۆرۈپ، خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتكەن ياكى باشقىلارنىڭ شەخسىي سىرلىرىنى ئاشكارىلىغان، كىشىلىك قەدىر - قىممىتىگە ھاقارەت قىلغان ۋە نام - شۆھرىتىگە داغ تەككۈزگەن بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت