پۇلنى ئۆزگەرتىپ ياساش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - بىرىكتۈرۈش، ئۆچۈرۈش، ئويۇپ ئېلىۋېتىپ ياماش ۋە باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق پۇلنى ئۆزگەرتىپ ياسىغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ پۇل باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە چوقۇم پۇلنى ئۆزگەرتىپ ياسىغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ ھەمدە پۇلنىڭ ئۆزگەرتىپ ياسىغان مىقدارى 2000 يۈەندىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
173 - ماددا پۇلنى ئۆزگەرتىپ ياسىغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنسىتىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى)
پۇلنى ئۆزگەرتىپ ياسىغانلاردىن سوممىسى 2000 يۈەندىن ئارتۇق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.