زەھەر ياساشقا كېرەكلىك نەرسىلەر ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، زەھەرلىك بۇيۇم ياساشقا كېرەكلىك باشقا خام ئەشيا ياكى قوشۇلما خۇرۇچنى قانۇنسىز توشۇپ، ئېلىپ يۈرۈپ چېگرادىن كىرگۈزگەن ۋە چىقارغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ زەھەر ياساشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنى باشقۇرۇش ۋە تاشقى سودا تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، زەھەر ياساشقا كېرەكلىك خام ئەشيا ۋە ياكى قوشۇلما خۇرۇچنى قانۇنسىز ئېلىپ يۈرۈپ، توشۇپ چېگرادىن كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىش قىلمىشىنى سادىر قىلىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
350 - دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، سىركە كىسلاتا ئانگىدرىدى، ئېفىر، خلوروفورم ياكى زەھەرلىك بۇيۇم ياساشقا كېرەكلىك باشقا خام ئەشيا ۋە ياكى قوشولما خۇرۇچنى قانۇنسىز توشۇپ، ئېلىپ يۈرۈپ چېگرادىن كىرگۈزگەن ۋە چىقارغانلارغا ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، يۇقىرىدىك بۇيۇملارنى چېگرا ئىچىدە قانۇنسىز ئېلىپ - ساتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى كۆپ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
باشقىلارنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم ياسايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن بۇيۇملارنى بەرگەنلەر زەھەرلىك بۇيۇم ياسىغان ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
356 - ماددا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن مۇشۇ پاراگرافتا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى يەنە ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ زەھەر جىنايىتى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەش ئۆلچىمىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 - يىل 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى)
4 - ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنسىز توشۇپ، ئېلىپ مېڭىپ چېگرادىن كىرگۈزگەن - چىقارغان ياكى چېگرا ئىچىدە قانۇنسىز ئېلىپ - ساتقان ئاتسېتىك ئانھىدرىد، ئېفىر، خلوروفورم ياكى زەھەر ياسايدىغان باشقا خام ئەشيا ياكى ياسالمىسى تۆۋەندىكى مىقدار ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا، جىنايى ئىشلار قانۇنى 350 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ:
(1) ئېفدىرن، ساختا ئېفدرىن ياكى ئۇنىڭ تۈز تۈرى ۋە ئاددىي رېتسىپ ياسالمىسى 5000 گرامدىن كۆپ، 50 مىڭ گرامدىن ئاز بولسا؛ چاكاندا مەلھىمى، چاكاندا پاراشوكى 100 مىڭ گرامدىن كۆپ، 10 مىليون گرامدىن ئاز بولسا؛
(2) ئاتسېتىك ئانھىدرىد، خلوروفورم 200 مىڭ گرامدىن كۆپ، 20 مىليون گرامدىن ئاز بولسا؛
(3) ئېفىر 400 مىڭ گرامدىن كۆپ، 30 مىليون گرامدىن ئاز بولسا؛
(4) يۇقىرىقى خام ئەشيا ياكى ياسالمىدىن سىرت، زەھەر ياسايدىغان باراۋەر مىقداردىكى باشقا خام ئەشيا ياكى ياسالما بولسا.
دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنسىز توشۇپ، ئېلىپ مېڭىپ چېگرادىن كىرگۈزگەن - چىقارغان ياكى چېگرا ئىچىدە ئېلىپ - ساتقان زەھەر ياسايدىغان خام ئەشيا ياكى ياسالمىسى ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن مىقدار ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەنلەرنى جىنايى قانۇنى 350 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەندەك <مىقدارى كۆپ بولغانلار> دەپ بېكىتىش لازىم.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <>مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چەكلەش توغرىسىدىكى قارارى< نى ئىجرا قىلىشتىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات> نى بېسىپ تارقاتقانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى
(1994 - يىل 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
س