UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتتوپلىشىپ ئۇرۇشۇش جىنايىتى

توپلىشىپ ئۇرۇشۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئۆچ ئېلىش، زومىگەرلىك تالىشىش ۋە باشقا لۈكچەكلىك مۇددىئاسى بىلەن باشقىلارنى توپلىشىپ ئۇرۇشۇشقا تەشكىللىگەن، پىلانلىغان، قوماندانلىق قىلغان ھەمدە جامائەت سورۇنلىرىدا ياكى مۇھىم قاتناش يوللىرىدا توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - جامائەت تەرتىپى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى توپلىشىپ ئۇرۇشۇش قىلمىشىنى سادىر قىلىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. بۇ يەردىكى <توپلىشىپ ئۇرۇشۇش> شەخسىي ئۆچ ئېلىش، زورمىگەرلىك تالىشىش ياكى باشقا قانۇنسىز مۇددىئاسى ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەم توپلاپ گۇرۇھلىشىپ ئۇرۇشۇش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 292 - ماددا توپلىشىپ ئۇرۇشقانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ۋە باشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ۋە باشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ: (1) كۆپ قېتىم توپلىشىپ ئۇرۇشقانلار؛ (2) توپلىشىپ ئۇرۇشقانلر سانى كۆپ، كۆلىمى چوڭ، جەمئىيەتتە تەسىرى يامان بولغانلار؛ (3) جامائەت سورۇنلىرىدا ياكى مۇھىم قاتناش يوللىرىدا توپلىشىپ ئۇرۇشۇپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛ (4) تاياق - توقماق كۆتۈرۈپ توپلىشىپ ئۇرۇشقانلار. توپلىشىپ ئۇرۇشۇپ ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 234 -، 232 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <نۆۋەتتە لۈكچەكلىك دېلولىرىنى بېجىرىش داۋامىدا، قانۇننى كونكرېت تەتبىق قىلىشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە> گە بېرىلگەن جاۋابى (1984 - يىل 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى) (84) س ت 13 - نومۇرلۇق بىرىنچى، لۈكچەكلىك جىنايىتى قانداق بېكىتىلىدۇ؟ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 160 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، لۈكچەكلىك جىنايىتى دېگەندە، توپلىشىپ ئۇرۇشۇش، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش، ئاياللارنى ھاقارەتلەش ياكى باشقا لۈكچەكلىك ھەرىكەتلىرىدە بولۇش بىلەن جامائەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك قەبىھ قىلمىشلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. <مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالاش توغرىسىدىكى قارارى> 1 - ماددىسىنىڭ 1 - تارماقچىسىدىكى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 160 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن لۈكچەكلىك جىنايىتى ئىچىدىكى ئېغىر جىنايەتچىلەرنى ئېغىرلىتىپ جازالاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە. جىنايى ئىشلار قانۇنىدا، لۈكچەكلىك جىنايىتى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتىگە كىرگۈزۈلگەن، لۈكچەكلىك جىنايىتى دائىم پۇقرالارنىڭ جىسمانىيىتىگە ھەم جامائەت ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال - مۈلكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. لېكىن، قانۇن - ئىنتىزامنى ئوچۇقتىن ئوچۇق مەنسىتمەي، ۋەھشىي، پەسكەش ۋاسىتىلەر بىلەن جامائەت تەرتىپىنى، جۈملىدىن جامائەت سورۇنى ۋە ئىجتىمائىي جامائەت تۇرمۇشىنىڭ تەرتىپىنى بۇزۇش ئۇنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. جىنايى ئىشلار قانۇنىدا كۆرسىتىلگەن جامائەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان لۈكچەكلىك ھەرىكەتلىرىدىن <قىلمىشى قەبىھ> بولغانلىرى لۈكچەكلىك جىنايىتىگە توشىدۇ. توپلىشىپ ئۇرۇشۇش دېگەندە، ئادەتتە شەخسىي ئۆچ ئېلىش، زومىگەرلىك تالىشىش مۇددىئاسى ۋە باشقا لۈكچەكلىك مۇددىئالىرى بىلەن گۇرۇھ، توپ بۇلۇۋېلىپ ئۇرۇشۇپ، كۆپ ھاللاردا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىككىنچى، لۈكچەكلىك جىنايىتىدە جىنايەت ياكى جىنايەت ئەمەسلىكىنىڭ چەك - چېگراسى قانداق پەرقلەندۈرۈلىدۇ؟ لۈكچەكلىك جىنايىتىدىكى جىنايەت ياكى جىنايەت ئەمەسلىكىنىڭ چەك - چېگراسىنى پەرقلەندۈرۈش ئاساسلىقى، لۈكچەكلىك جىنايىتى بىلەن ئادەتتىك قانۇنغا خىلاپ لۈكچەكلىك قىلمىشىنى قاتتىق پەرقلەندۈرۈشكە باغلىق، قىلمىشنىڭ قەبىھ ياكى قەبىھ ئەمەسلىكى بولسا، لۈكچەكلىك جىنايىتىدىكى جىنايەت ياكى جىنايەت ئەمەسلىكىنىڭ چەك - چېگراسىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى. توپلىشىپ ئۇرۇشۇپ، قىلمىشى قەبىھ بولغانلاردىن لۈكچەكلىك جىنايىتىگە توشىدىغانلار. مەسىلەن: 1 - كۆپ قېتىم توپلىشىپ ئۇرۇشقانلار؛ 2 - توپلىشىپ ئۇرۇشقان قېتىم سانى ئاز بولسىمۇ، ئادەم سانى كۆپ، دائىرىسى كەڭ، ئىجتىمائىي تەسىرى قەبىھ بولغانلار؛ 3 - جامائەت سورۇنلىرى ياكى قاتناش تۈگۈنلىرىدە توپلىشىپ ئۇرۇشۇپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛ 4 - تاياق - توقماق ئېلىپ توپلىشىپ ئۇرۇشقانلار؛ 5 - توپلىشىپ ئۇرۇشۇپ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، زەخىملىنىشىنى پەيدا قىلغانلار ۋە باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ ئومۇمەن قىلمىشى لۈكچەكلىك جىنايىتىگە توشىدىغانلارغا قانۇن بويىچە جىنايى جازا بېرىش كېرەك. لۈكچەكلىك جىنايىتىگە توشىدىغانلارغا قانۇن بويىچە جىنايى جازا بېرىش كېرەك. لۈكچەكلىك جىنايىتىگە توشمىسىمۇ، ئادەتتىكى قانۇنغا خىلاپ لۈكچەكلىك قىلمىشى بولغانلار ياكى لۈكچەكلىك جىنايى قىلمىشى يېنىك بولغانلاردىن، جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ھاجەتسىز بولغانلارغا ئەھۋالغا قاراپ مەسئۇل تارماقلار ئامانلىقنى باشقۇرۇش بويىچە جازا بەرسە، ئۇلارنى ئەمگەك بىلەن تەربىيىلىسە ياكى باشقىچە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ. ئۈچىنچى، لۈكچەكلىك جىنايىتى بىلەن لۈكچەكلىك جىنايىتىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان باشقا جىنايەتلەرنىڭ چەك - چېگراسى قانداق پەرقلەندۈرۈلىدۇ؟ 2 - ئامما ئارىسىدىكى ھەق تەلەپ ماجىرالىرى تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەن ئۆزئارا ئۇرۇشۇش، ھەتتا توپلىشىپ، تاياق - توقماق كۆتۈرۈپ ئۇرۇشۇشنى لۈكچەكلىك جىنايىتى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلماسلىق كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدىكى قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى (جۈملىدىن يېنىك زەخىملەندۈرۈش، ئېغىر زەخىملەندۈرۈش)، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ياكى جامائەت ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال - مۈلكىنى قەستەن ۋەيران قىلىش جىنايىتى قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئۆتكۈزگىنى نېمە جىنايەت بولسا، شۇ جىنايەت بويىچە بېكىتىش كېرەك. تۆتىنچى، باشقا جىنايەتلەرنىمۇ سادىر قىلغان لۈكچەك جىنايەتچىلەرنىڭ جىنايىتى قانداق بېكىتىلىدۇ ۋە ئۇلارغا قانداق جازا بېرىلىدۇ؟ لۈكچەك جىنايەتچىلەر ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئېغىر زەخىملەندۈرۈش، بۇلاڭچىلىق، باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە ئاياللارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرۇش، سولاپ بېرىش، زورلاش، شەھۋانىي كىتاب، رەسىم قاتارلىقلارنى ئىشلەش، ئېلىپ - سېتىش جىنايەتلىرىنىمۇ سادىر قىلغان بولسا، بىرقانچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش بويىچە جازا بېرىش كېرەك. بەزى جىنايەتچىلەرنىڭ دېلو تۇرغۇزۇش جەريانىدىكى بىر مۇنچە قىلمىشلىرىنى ئايرىم جىنايەت دەپ بېكىتىش ئەپسىز بولسا، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسىي جىنايىتىگە ئېغىر جازا بېرىلسە بولىدۇ. مەسىلەن، توپلىشىپ ئۇرۇشۇش ۋە ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش داۋامىدا، باشقىلارنى يېنىك زەخىملەندۈرگەن، ئازراق نەرسىسىنى تارتىۋالغان ياكى زىيان - زەخمەتكە ئۇچراتقان بولسا، لۈكچەكلىك جىنايىتى بويىچە جازا بېرىش كېرەك. كىچىككىنە ئىشنى دەپ ئۆكتەملىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بويىچە جازا بېرىش كېرەك. بەشىنچى، <مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈگەن جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالاش توغرىسىدىكى قارارى> 1 - ماددىسىنىڭ 1 - تارماقچىسى دېلو بېجىرىش جەريانىدا قانداق كونكرېت تەتبىق قىلىنىدۇ؟ 1 - لۈكچەكلىك قىلغان جىنايەتچىلەر گۇرۇھىدىكى باش جىنايەتچىلەر مەسىلىسىدە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ 1984 - يىل 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىكى ئا ت (ت) 12 - نومۇرلۇق <لۈكچەكلەر گۇرۇھىنى قانداق بېكتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى پىكرى> دىن پايدىلىنىپ، ئىجرا قىلىشىڭلارنى سورايمىز. 2 - <قاتىللىق قورالى ئېلىپ لۈكچەكلىك جىنايى ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلار> ياكى <لۈكچەكلىك جىنايى ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلاردىن زىيىنى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلار>. لۈكچەكلىك جىنايىتىدىكى توپلىشىپ ئۇرۇشۇش، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش، ئاياللارنى ھاقارەتلەش <قاتىللىق قورالى ئېلىپ لۈكچەكلىك جىنايى ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، قىلمىشى ئېغىر بولغان> ئەھۋال ئاستىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن، قاتىللىق قورالى ئېلىش دېگەندە، خەنجەر، پىچاق قاتارلىق ئامانلىق ئىشلىرىدا كونترول قىلىنىدىغان قوراللار ۋە قورال - ياراغ، لوم، توقماق قاتارلىق ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ۋە يارىلاندۇرىدىغان قوراللار كۆزدە تۇتۇلىدۇ، <قىلمىشى ئېغىر> دېگەننى كونكرېت دېلودا كونكرېت تەھلىل قىلىش كېرەك. قاتىللىق قورالى ئېلىپ ۋە ئىشلىتىپ، ئادەمنى ئېغىر زەخىملەندۈرۈش، ئۆلتۈرۈشتەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى، ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بويىچە قوشۇپ جازالاش كېرەك. ئېغىر زەخىملەندۈرۈش، ئادەم ئۆلتۈرۈش ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بولسىمۇ قىلمىشى ئېغىر بولسا، مەسىلەن، دائىم قاتىللىق قورالى ئېلىپ يۈرۈپ، لۈكچەكلىك جىنايى ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئاممىغا ئېغىر تەھدىت سالغان بولسا ياكى قاتىللىق قورالى ئېلىپ ھەمدە ئىشلىتىپ كۆپ ئادەمنى يېنىك زەخىملەندۈرگەن بولسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يۇقىرىقى قارارىنىڭ 1 - ماددا 1 - تارماقچىسى بويىچە ئايرىم جازا بېرىلسە بولىدۇ. <لۈكچەكلىك جىنايى ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلاردىن، زىيىنى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلار> دېگەندە، ئادەتتە مەھەللىلەردە زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىپ، بىر تەرەپنىڭ زومىگىرى بولۇۋېلىپ، لۈكچەكلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقتىن، خەلقنىڭ زور غەزىپى بولغانلار؛ بازار، قاتناش بېكەتلىرى، پرىستان، باغچا، كىنوخانا، تىياتىرخانا قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرىدا ياكى ئىدارە، مەكتەپ، زاۋۇت، كان - كارخانىلار، ئاپتوبۇسلاردا ھەيدەپ لۈكچەكلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، جەمئىيەتكە ئېغىر خاتىرجەمسىزلىك پەيدا قىلىپ، ئاممىنىڭ كۈچلۈك نەپرىتىنى قوزغىغانلار؛ ۋەھشىي، دەھشەتلىك ۋاسىتىلەر بىلەن ئاياللارنى ھاقارەتلىگەن ۋە ئۇلارغا پەسكەشلىك قىلغانلاردىن ئاقىۋىتى ئېغىر، تەسىرى ناھايىتى يامان بولغانلار؛ چەت ئەللىكلەرگە لۈكچەكلىك قىلىپ ياكى چەت ئەللىكلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ لۈكچەكلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىنتايىن يامان سىياسىي تەسىر پەيدا قىلغانلار؛ شەھۋانىي بۇيۇملارنى دائىم ۋە كۆپ مىقداردا تارقىتىپ، شەھۋانىي بۇيۇملاردىن پايدىلىنىپ ياشلار - ئۆسمۈرلەرگە لۈكچەكلىك جىنايىتىنى ياكى توپلىشىپ پاھىشىۋازلىق قىلىشنى ئۆگىنىپ، جەمئىيەتكە ناھايىتى زور خەۋپ پەيدا قىلغانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالاش توغرىسىدىكى قارارىنىڭ 1 - ماددا 1 - تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىككى خىل ئېغىر لۈكچەكلىك جىنايىتىنى سادىر قىلغانلارغان، ئوخشاش بولمىغان جىنايىتىگە قاراپ يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ھەتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسە بولىدۇ. بۇ جازا ئۆلچەش دائىرىسى كەڭرەك بولغاچقا، جازا ھۆكۈم قىلغاندا دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش، توغرا جازالاش كېرەك، ئۆلۈم جازاسىنى قاتتىق ئىگىلەش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
توپلىشىپ ئۇرۇشۇش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki