UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتدۆلەتنىڭ قەتئىي مەخپىي ۋە مۇھىم مەخپىي ھۆججەت، ماتېرىيال، بۇيۇملىرىنى ئىلكىدە قانۇنسىز ساقلاش جىنايىتى

دۆلەتنىڭ قەتئىي مەخپىي ۋە مۇھىم مەخپىي ھۆججەت، ماتېرىيال، بۇيۇملىرىنى ئىلكىدە قانۇنسىز ساقلاش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەتنىڭ قەتئىي مەخپىي ۋە مۇھىم مەخپىي ھۆججەت، ماتېرىياللىرىنى ياكى باشقا بۇيۇملىرىنى ئىلكىدە قانۇنسىز ساقلىغان، كېلىش مەنبەسىنى ۋە ئىشلىتىدىغان ئورنىنى دەپ بەرمىگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش تۈزۈمى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى دۆلەتنىڭ قەتئىي مەخپىي ۋە مۇھىم مەخپىي ھۆججەت، ماتېرىياللىرىنى ياكى باشقا بۇيۇملىرىنى ئىلكىدە قانۇنسىز ساقلىغان ھەم كېلىش مەنبەسى ۋە ئىشلىتىشىنى دەپ بېرىشنى رەت قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 282 - ماددا دۆلەتنىڭ قەتئىي مەخپىي ۋە مۇھىم مەخپىي ھۆججەت، ماتېرىياللىرىنى ياكى باشقا بۇيۇملىرىنى ئىلكىدە قانۇنسىز ساقلاپ، كېلىش مەنبەسىنى ۋە ئىشلىتىدىغان ئورنىنى دەپ بەرمىگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى (1993 - يىل 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى) 29 - ماددا دۆلەت مەخپىيىتىگە ئائىت ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا بۇيۇملارنى قانۇنسىز ساقلىغان ھەمدە مەخسۇس جاسۇسلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلارنى ساقلىغان، ئىشلەتكەن بولسا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇن بويىچە يېنىنى، نەرسە - كېرەكلىرىنى، ئۆيىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقا جايلارنى ئاختۇرسا بولىدۇ؛ دۆلەت مەخپىيىتىگە ئائىت ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا بۇيۇملىرى ھەمدە قانۇنسىز ساقلىغان، ئىشلەتكەن مەخسۇس جاسۇسلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. دۆلەت مەخپىيىتىگە ئائىت ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا بۇيۇملارنى قانۇنسىز ساقلاپ، دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. (دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى 52 - ماددىسىغا قاراڭ)
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت