UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتجاسۇسلۇق جىنايىتى

جاسۇسلۇق جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - جاسۇسلۇق تەشكىلاتقا قاتنىشىپ ياكى جاسۇسلۇق تەشكىلات ۋە ئۇلارنىڭ گۇماشتىلىرىدىن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ ۋە ياكى دۈشمەنگە توپقا تۇتۇش نىشانىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەۋپسىزلىكى ( خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتۇرلۇقىدىكى دۆلەت ھاكىمىيىتى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈم) بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە جاسۇسلۇق تەشكىلاتقا قاتناشقان ياكى جاسۇسلۇق تەشكىلات ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرىدىن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان ۋە ياكى دۈشمەنگە توپقا تۇتۇش نىشانىنى كۆرسىتىپ بەرگەن قىلمىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكتىپ بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 110 - ماددا تۆۋەندىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىدىن بىرىنى قىلىپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرگە 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى يېكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ: (1) جاسۇسلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقانلار ياكى جاسۇسلۇق تەشكىلاتىدىن ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرىدىن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغانلار؛ (2) دۈشمەنگە توپقا تۇتۇش نىشانىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلەر. 113 - ماددا بۇ بابتا ئېيتىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايەتلىرىدىن 103 - ماددىنىڭ 2 - تارمىقىدا، 105 -، 107 - ۋە 109 - ماددىلاردا كۆرسىتىلگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دۆلەتكە ۋە خەلققە يەتكۈزگەن خەۋپى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسە بولىدۇ. مۇشۇ بابتا ئېيتىلغان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى قوشۇمچە بېرىلسە بولىدۇ. 56 - ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ قەستەن قاتىللىق قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، ئوت قويۇش، پارتلىتىش، زەھەر سېلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئوخشاش قىلمىشلىرى بىلەن جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنسا بولىدۇ. سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسىنى ئايرىم بېرىشتە، مۇشۇ قانۇننىڭ خاس پرىنسىسپىدىكى بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى (1993 - يىلى 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى) 4 - ماددا 1 - تارماق، 2 - تارماق (2) ھەرقانداق تەشكىلات ۋە پۇقرا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارسا جەزمەن قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر ئېلىپ بارغان ياكى ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى، ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن باشقىلار ئېلىپ بارغان ۋە ياكى چېگرا ئىچىدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ ئېلىپ بارغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ: (2) جاسۇسلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش ياكى جاسۇسلۇق تەشكىلات ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرىدىن ۋەزىپە قوبۇل قىلىش؛ 23 - ماددا چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر ئېلىپ بارغان ياكى ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى، ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن باشقىلار ئېلىپ بارغان ياكى چېگرا ئىچىدىكى تەشكىلاتلار، شەخسلەر چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ ئېلىپ بارغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 24 - ماددا جاسۇسلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ ئۆزىنى مەلۇق قىلغان ياكى خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلار يېنىك ۋە يېنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىنسا ياكى جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ؛ خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى زور بولغانلار تەقدىرلىنىدۇ. 25 - ماددا چېگرا سىرتىدا تەھدىتكە ئۇچراش ياكى باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن دۈشمەن تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلاردىن ئۆز ۋاقتىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىغا ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتقان ياكى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن بىۋاستە ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق تەشكىل ئارقىلىق ئۆز ۋاقتىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ئەھۋالنى ئەينەن مەلۇم قىلغانلار سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
جاسۇسلۇق جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki