UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقىسىمدىن قاچقان ھەربىينى ياللاپ ئىشلىتىش جىنايىتى

قىسىمدىن قاچقان ھەربىينى ياللاپ ئىشلىتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - قىسىمدىن قاچقان ھەربىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ياللاپ ئىشلىتىش ئەھۋالى ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلىتىمىزنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش تۈزۈمى ۋە قىسىملارنىڭ باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قىسىمدىن قاچقان ھەربىيلەرنى ياللاپ ئىشلەتكەن ئېغىر قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 373 - ماددا ھەربىيلەرنى قىسىمدىن قېچىپ كېتىشكە قۇتراتقان ياكى قىسىمدىن قاچقان ھەربىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ياللاپ ئىشلەتكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
قىسىمدىن قاچقان ھەربىينى ياللاپ ئىشلىتىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki