پاي چېكى، شىركەت، كارخانا زايومى ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - پاي چېكى ياكى شىركەت، كارخانا زايومىنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان، مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ پاي چېكى، كارخانا زايومىغا مۇناسىۋەتلىك پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن پاي چېكى ياكى كارخانا زايومىنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان، مىقدارى 5000 يۈەندىن يۇقىرى بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
178 - ماددا 2 - تارماق، 3 - تارماق پاي چېكى شىركەت، كارخانا زايومىنى ياسىغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسىغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنسىتىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىلى 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
پاي چېكى، شىركەت، كارخانا زايومى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغانلاردىن مىقدارى 5000 يۈەندىن ئارتۇق بولغانلار سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.