سەۋەنلىك بىلەن خەتەرلىك بۇيۇملارنى تاشلاش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - سەۋەنلىك بىلەن زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەللىك قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش خەتەرلىك بۇيۇملارنى تاشلاپ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن، ئادەملەرنىڭ زەخىملىنىشىنى، ئۆلۈشىنى، ئومۇم ياكى شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەت خەۋپسىزلىكى (كۆپ ئادەملەرنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ياكى جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ زور مىقداردىكى مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەررلىكى) بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىك بىلەن زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش خەتەرلىك نەرسىلەرنى سېلىپ، ئادەملەرنىڭ زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ياكى مال - مۈلكىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
115 - ماددا 1 - تارماق ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، شۇنىڭدەك زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن كىشىلەرنڭ ئېغىر زەخىملىنىشى ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتلەرنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.