UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتباج تاپشۇرۇشقا قارشىلىق كۆرسىتىش جىنايىتى

باج تاپشۇرۇشقا قارشىلىق كۆرسىتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بولغان كىشىلەردىن زورلۇق ئىشلىتىش ۋە تەھدىت سېلىش يولى بىلەن باج پۇلىنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ باج يىغىش، باشقۇرۇش تۈزۈمى ھەم باج خادىملىرىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەتنىڭ باج باشقۇرۇش قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، زورلۇق ئىشلىتىش ۋە تەھدىت سېلىش يولى بىلەن باج پۇلىنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. كونكرېت تۆۋەندىكى مەزمونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، باج تاپشۇرغۇچىلار ياكى تۇتۇۋېلىپ تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بولغان كىشىلەر دۆلەتنىڭ باج باشقۇرۇش قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان بولۇش؛ ئىككىنچى، زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇش؛ ئۈچىنچى، زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىشنىڭ مەقسىتى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلىنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلىش بولۇش. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولۇپ، باج تاپشۇرغۇچىلار ۋە تۇتۇۋېلىپ تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بولغان كىشىلەرلا بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى بولالايدۇ. تەبىئىي شەخس ۋە قانۇنىي ئىگىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن بولغان بولىدۇ، يەنى قىلمىش سادىر قىلغۇچى قانۇنغا ئاساسەن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن قەستەن زورلۇق ئىشلىتىش تەھدىت سېلىش يولى بىلەن باج تاپشۇرۇشنى رەت قىلىپ، قانۇنسىز پايدىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. 202 - ماددا باج پۇلىنى تاپشۇرۇشنى زورلۇق ئىشلىتىش ۋە تەھدىت سېلىش يولى بىلەن رەت قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان باج پۇلىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان باج پۇلىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 212 - ماددا مۇشۇ پاراگرافتىكى 201 - ماددىدىن 205 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، جەرىمانە جازاسى، مال - مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىلگەنلىرىنىڭ جازاسى ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى، باج ئورگانلىرى ئۇلارغا باج پۇلىنى ۋە ئالداپ ئېلىۋالغان ئېكسپورت باج قايتۇرما پۇلىنى ئالدى بىلەن تاپشۇرغۇزىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) باج تاپشۇرۇشنى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن رەت قىلغانلار سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت