ھايۋانات - ئۆسۈملۈك كارانتىنىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان ۋە چىقىرىلىدىغان ھايۋانات - ئۆسۈملۈك كارانتىنى قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھايۋانات - ئۆسۈملۈك كارانتىنىدىن قاچۇرۇپ، ھايۋانات - ئۆسۈملۈك يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ چېگرادىن چىقىرىلىدىغان ۋە كىرگۈزۈلىدىغان ھايۋانات - ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش تۈزۈمى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقى ھەم دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىلىشى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان ۋە چىقىرىلىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھايۋانات - ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىشتىن قاچۇرۇپ، ھايۋانات - ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى پەيدا قىلغان ئېغىر قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت ( تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
337 - ماددا چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان ۋە چىقىرىلىدىغان ھايۋانات - ئۆسۈملۈك كارانتىنى قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ھايۋانات - ئۆسۈملۈك كارانتىنىدىن قاچۇرۇپ، ھايۋانات - ئۆسۈملۈك يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش قانۇنى
.
(1991 - يىل 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى)
2 - مادد ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم كارانتىن ئوبيېكتلىرىنى توشۇش، قاچىلاش، ئوراش سايمانلىرى، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرى تارقالغان رايوندىن كەلگەن ترانسپورت قوراللىرى مۇشۇ قانۇندىك بەلگىلىمە بويىچە كارانتىن قىلىنىدۇ.
5 - ماددا دۆلەت تۆۋەندىكى نەرسىلەرنىڭ كىرىشىنى مەنئى قىلىدۇ؛
(1) ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرىنى قوزغاتقۇچى (مىكروب، زەھەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) زىيانداش ھاشارات ۋە باشقا زىيانلىق جانلىق مەۋجۇداتلار؛
(2) ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرى تارقالغان دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئالاقىدار ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم باشقا كارانتىن ئوبيېكتلىرى؛
(3) ئۆلگەن ھايۋانلار؛
(4) توپا.
چېگرا ئېغىزى ھايۋانات - ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كىرىش مەنئى قىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى سەزسە قايتۇرۇۋېتىدۇ ياكى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.
پەن - تەتقىقات ئېھتىياجى قاتارلىق پەۋقۇلئاددە ئېھتىياجلار تۈپەيلىدىن، مۇشۇ ماددىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن كىرىش مەنئى قىلىنىدىغان نەرسىلەرنى كىرگۈزۈش توغرا كەلگەندە، ئالدىنئالا ئىلتىماس سۇنۇپ دۆلەت ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنىغا تەستىقلىتىش كېرەك.
مۇشۇ ماددىنىڭ 1 - تارمىقىنىڭ 2 - تۈرىدە بەلگىلەنگەن كىرىش مەنئى قىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ.
42 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېغىر دەرىجىدىكى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولغۇچى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 178 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.