ھەربىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش، يالغان مەلۇم قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ھەربىيلەرنىڭ مەلۇم قىلىشقا تېگىشلىك ھەربىي ئەھۋاللارنى مەلۇم قىلماي ياكى ھەقىقىي، راست بولمىغان ھەربىي ئەھۋاللارنى قەستەن مەلۇم قىلىپ، جەڭ قىلىشقا زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ھەربىي قىسىملارنىڭ ئۇرۇش قىلىش مەنپەئىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ھەربىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، يالغاندىن مەلۇم قىلىپ ھەمدە ئۇرۇشقا زىيان كەلتۈرگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئاساسلىقى ھەربىي ئەھۋالنى مەلۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ھەربىي ئىچىدىكى رازۋېدكا خادىملار، خەت - ئالاقىچىلار، مەخپىي ئىشلار خادىمى قاتارلىقلار، يەنە ئۇرۇشقا قاتناشقان باشقا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خادىملار بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
422 - ماددا ھەربىي ئەھۋالنى قەستەن يوشۇرۇپ، يالغان مەلۇم قىلىپ ياكى ھەربىي بۇيرۇق يەتكۈزۈشنى رەت قىلىپ، يالغان ھەربىي بۇيرۇق يەتكۈزۈپ، جەڭگە زىيان يەتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ جەڭ ۋە ئۇرۇشنى زىيانغا ئۇچراتقانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.