ئادەتتىكى مال - ۋە بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - تاموژنىغا ئائىت قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزىنى تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن قاچۇرۇپ، توشۇش، ئېلىپ يۈرۈش، پوچتىدىن ئەۋەتىش ئارقىلىق دۆلەت ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەن ياكى ئادەتتە باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان مال ۋە بۇيۇملارنى چېگرادىن ئېلىپ كىرىپ، ئېلىپ چىقىپ، تاپشۇرۇشقا تېگىشلك ئوغرىلىغان باج سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىدىغان مال، بۇيۇملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىچىدىكى تاموژنا بېجى ئېلىش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە تاموژنىغا ئائىت قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزىنى تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن قاچۇرۇپ، قورال - ياراغ، ئوق - دورا قاتارلىق چەكلەنگەن بۇيۇملاردىن باشقا مال ۋە بۇيۇملارنى قانۇنسىز توشۇش، ئېلىپ يۈرۈش، پوچتىدىن ئەۋەتىش ئارقىلىق، چېگرادىن ئېلىپ كىرگەن، ئېلىپ چىققان ئېغىر قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
153 - مۇشۇ قانۇننىڭ 151 -، 152 -، 347 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن باشقا مال ۋە ئەتكەسچىلىكى قىلغانلارغا قىلمىشنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
(1) مال، بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلاردىن ئوغرىلىغان، قاچۇرغان باج سوممىسى 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، ئوغرىلىغان، قاچۇرغان باج سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 151 - ماددىسىنىڭ 4 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
(2) مال، بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلاردىن ئوغرىلىغان، قاچۇرغان باج سوممىسى 150 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، ئوغرىلىغان، قاچۇرغان باج سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، ئوغرىلىغان، قاچۇرغان باج سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
(3) مال، بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلاردىن ئوغرىلىغان، قاچۇرغان باج سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 150 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، ئوغرىلغان، قاچۇرغان باج سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
كۆپ قېتىم ئەتكەسچىلىك قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنمىغانلارغا ئەتكەس مال، ئەتكەس بۇيۇملىرىنىڭ ئوغرىلىغان، قاچۇرغان باج سوممىسىنىڭ يىغىندىسى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
154 - ماددا تۆۋەندىكى ئەتكەسچىلىك قىلمىشلىرىدىن مۇشۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەتكە توشىدىغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 153 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ:
(1) تاموژنىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي ھەمدە تاپشۇرىدىغان باج سوممىسىنى تولۇقلاپ تاپشۇرماي تۇرۇپ، ئىمپورت قىلىشقا تەستىقلانغان، پىششىقلاپ ئىشلەپ بېرىشكە، قۇراشتۇرۇپ بېرىشكە كىرگۈزۈلگەن ۋە تۆلەم سودىسىغا كېرەكلىك بولغان خام ئەشيا، ماتېرىيال، دېتال، تەييار مەھسۇلات، ئۈسكۈنە قاتارلىق باجدىن خالىي ماللارنى چېگرا ئىچىدە ئۆز بېشىمچىلىك بىلەن سېتىپ پايدا ئېلىش؛
(2) تاموژنىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي ھەمدە تاپشۇرىدىغان باج سوممىسىنى تولۇقلاپ تاپشۇرماي تۇرۇپ، بېجى ئالاھىدە بەلگىلىمە بويىچە كېمەيتىلىپ، كەچۈرۈم قىلىنىپ ئىمپورت قىلىنغان مال ۋە بۇيۇملارنى چېگرا ئىچىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سېتىپ پايدا ئېلىش.
155 - ماددا، 156 - ماددا ۋە 157 - ماددا 2 - تارماق قاتارلىق مەزمونلارنى مەزكۇر كىتابنىڭ 78 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ.