UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتسۇغۇرتا ئالدامچىلىقى جىنايىتى

سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - سۇغۇرتىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ سۇغۇرتا باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مال - مۈلكىگە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە سۇغۇرتا توختامىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. قىلمىشنىڭ كونكرېت شەكىللىرى مۇنداق بولىدۇ: بىرىنچى، سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا نىشانىنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛ ئىككىنچى، سۇغۇرتىلاتقۇچى ياكى مەنپەئەتدار يۈز بەرگەن سۇغۇرتا ھادىسىسى ھەققىدە ساختا سەۋەب ئويدۇرۇپ ياكى زىياننىڭ دەرىجىسىنى مۇبالىغا قىلىپ سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛ ئۈچىنچى، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار يۈز بەرمىگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛ تۆتىنچى، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى مال - مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغانلىقى سۇغۇرتا ھادىسىسىنى قەستەن پەيدا قىلىپ سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛ بەشىنچى، سۇغۇرتىلاتقۇچى، مەنپەئەتدار سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئۆلۈشى، مېيىپ بولۇشى ياكى كېسەل بولۇشىنى قەستەن پەيدا قىلىپ سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ۋە مەنپەئەتدارلار (تەبىئىي شەخس ۋە قانۇنىي ئىگە) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. سۇبېيكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 198 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى قىلغانلاردىن، سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ: (1) سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا نىشانىنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛ (2) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار يۈز بەرگەن سۇغۇرتا ھادىسىسى ھەققىدە سەۋەب ئويدۇرۇپ ياكى زىياننى كۆپتۈرۈپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛ (3) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار يۈز بەرمىگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛ (4) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى مال - مۈلكى زىيغان ئۇچرىغانلىق سۇغۇرتا ھادىسىسىنى قەستەن پەيدا قىلىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛ (5) سۇغۇرتىلاتقۇچى، مەنپەئەتدار سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئۆلۈشى، زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى ياكى كېسەل بولۇشىنى قەستەن پەيدا قىلىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش. ئالدىنقى تارماقنىڭ (4)، (5) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرگەنلەرگە بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاشقا ئائىت بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئورۇنلاردىن بىرىنچى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. سۇغۇرتا ھادىسىسىنى باھالىغۇچى، ئىسپاتلىغۇچى ۋە مال - مۈلۈكنى باھالىغۇچىلاردىن قەستەن يالغان ئىسپات - ھۆججەت بېرىپ، باشقىلارنىڭ ئالدامچىلىق قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەر سۇغۇرتا ئالدامچىلىق قىلغان ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1) شەخسنىڭ ئالداپ ئېلىۋالغان سۇغۇرتا سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛ 2) ئورۇننىڭ ئالداپ ئېلىۋالغان سۇغۇرتا سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki