UyghurWiki›422 جىنايەت›قانۇنسىز ھالداقان ئېلىش، قان بىلەن تەمىنلەش، قان پلازمىسى ياسالمىلىرىنى تەييارلاش ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەمىنلەش جىنايىتى
قانۇنسىز ھالداقان ئېلىش، قان بىلەن تەمىنلەش، قان پلازمىسى ياسالمىلىرىنى تەييارلاش ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەمىنلەش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەتنىڭ قان پلازمىسى ياسالمىلىرىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنسىز ھالدا قان ئالغان، قان بىلەن تەمىنلىگەن ياكى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان، باشقىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق قان پلازمىسى ياسالمىلىرىنى تەييارلىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەمىنلىگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ قان پلازمىسى ياسالمىلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قانۇنسىز قان ئالغان، قان بىلەن تەمىنلىگەن ياكى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان، باشقىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق قان پلازمىسى ياسالمىلىرىنى تەييارلىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەمىنلىگەن قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
334 - ماددا 1 - تارماق قانۇنسىز ھالدا قان ئالغان، قان بىلەن تەمىنلىگەنلەرگە ياكى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان، باشقىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق قان پلازمىسى ياسالمىلىرىنى تەييارلىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەمىنلىگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگە بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.