UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتدەل - دەرەخلەرنى ئوغرىلىقچە كېسىش جىنايىتى

دەل - دەرەخلەرنى ئوغرىلىقچە كېسىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئورماننى ياكى باشقا دەل - دەرەخلەرنى ئوغرىلىقچە كەسكەن مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئورمان بايلىقلىرىنى قوغداشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە باشقىلارنىڭ ئورمانغا ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئورمان قانۇنى ۋە باشقا ئورمان قوغداشقا ئائىت قانۇن - بەلگىلمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر ئىگىدارلىقىدىكى ئورمان ۋە باشقا دەل - دەرەخلەرنى كەسكەن، مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبېيكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 345 - ماددا ئورماننى ياكى باشقا دەل - دەرەخلەرنى ئوغرىلىقچە كەسكەنلەردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى ئورماننى ياكى باشقا دەل - دەرەخلەرنى ئوغرىلىقچە كەسكەن ۋە كەلسە - كەلمەس كەسكەنلەرگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. 346 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 338 - ماددىدىن 345 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافنىڭ ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئورمان بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (2000 - يىل 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى) 3 - ماددا قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرنى ھازىرلىغان، مىقدارى كۆپرەك بولغان بولسا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 345 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئورماننى ئوغرىلىقچە كېسىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ: (1) دۆلەت، كوللېكتىپ، باشقىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ياكى باشقىلار ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇۋاتقان ئورمان ياكى باشقا دەل - دەرەخلەرنى ئۆز ئالدىغا كەسكەنلەر؛ (2) ئورۇنلار ياكى ئۆزى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇۋاتقان ئورمان ياكى باشقا دەل - دەرەخلەرنى ئۆز ئالدىغان كەسلەنلەر؛ (3) ئورمانلارنى كېسىش ئىجازەتنامىسىدە بەلگىلەنگەن دائىرىدىن ھالقىپ باشقا جايدىكى دۆلەت، كوللېكتىپ، باشقىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ياكى باشقىلار ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇۋاتقان ئورمان ياكى دەل - دەرەخلەرنى كەسكەنلەر. 4 - ماددا ئوغرىلىقچە كەسكەن دەل - دەرەخلەرنىڭ <مىقدارى كۆپرەك> بولۇشتا، ئىككىدىن بەش كۇب مېتىرغىچە ياغاچ ياكى 100 دىن 002 تۈپكىچە كۆچەت باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىدۇ؛ ئوغرىلىقچە كەسكەن دەل - دەرەخنىڭ <مىقدارى ناھايىتى كۆپ> بولۇشتا، 20 دىن 50 كۇب مېتىرغىچە ياغاچ ياكى 1000 دىن 2000 تۈپكىچە كۆچەت باشلىنىش نۇقتىسى قىلىدۇ؛ ئوغرىلىقچە كەسكەن دەل - دەرەخنىڭ <مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ> بولۇشتا، 100 دىن 200 كۇب مېتىرغىچە ياغاچ ياكى 5000 دىن 10 مىڭ تۈپكىچە كۆچەت باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىدۇ. 7 - ماددا بىر يىل ئىچىدە ئازا مىقداردىكى كۆچەتنى، كۆپ قېتىم ئوغرىلىقچە كەسكەن، كەلسە - كەلمەس كەسكەنلەردىن ئوغرىلىقچە كەسكەن، كەلسە - كەلمەس كەسكەن ئورمىنىنىڭ مىقدارىنى يىغىپ ھېسابلاپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. 8 - ماددا ئەتىۋارلىق دەل - دەرەخلەرنى ئوغرىلىقچە، كەلسە - كەلمەس كەسكەن ھەم جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 344 -، 345 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا، بىرقەدەر ئېغىر جازا بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىش كېرەك. 16 - ماددا ئورۇن جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 334 - ماددىسى، 345 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى سادىر قىلسا، جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەشتە مۇشۇ ئىزاھاتتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. 17 - ماددا بۇ ئىزاھاتتا بەلگىلەنگەن ئورمان سانى كۇب ياغاچ بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ھېسابلاش ئۇسۇلى: ئەسلىدىكى ياغاچ ماتېرىياللىرىنىڭ يىغىندىسىدىن شۇ دەرەختىن چىقىرىۋەتكەن ماتېرىيالنىڭ نىسبىتىنى ئېلىۋەتسە بولىدۇ. بۇ ئىزاھاتتا دېيىلگەن <كۆچەت> دىئامېتىرى بەش مىللىمېتىردىن تۆۋەن دەرەخنى كۆرسىتىدۇ. كەلسە - كەلمەس كېسىلگەن دەرەخلەرنىڭ سانى، كېسىلگەن رايوننى تەكشۈرۈپ لايىھىلەشكە رۇخسەت قىلىنغان خاتالىق پەرقىنى سوممىدىن يۇقىرى ھېسابلاش كېرەك. 18 - ماددا بامبۇك ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ ئوغرىلىقچە كېسىپ، كەلسە - كەلمەس كېسىپ بامبۇك ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقارغانلارغا جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەش مەسىلىسىدە، ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئۆز رايونىنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىنى بېكىتىشنى ھەمدە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللىشى كېرەك. 19 - ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 4 - ماددىسى، 6 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مىقدار ئۆلچىمى ئىچىدە، ئۆز رايونى ئىجرا قىلىدىغان كونكرېت مىقدار ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللىشى كېرەك. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى (1998 - يىل 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى) 39 - ماددا ئورمان ياكى باشقا دەل - دەرەخنى ئوغرىلىقچە كەسكەنلەر زىياننى قانۇن بويىچە تۆلەيدۇ؛ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئوغرىلىقچە كېسىلگەن دەرەخ سانىنىڭ 10 ھەسسىسىگە باراۋەر دەرەخ تىككۈزىدۇ. ئوغرىلىقچە كېسىلگەن دەل - دەرەخ ياكى ئۇنىڭدىن قىلىنغان تاپاۋەتنى مۇسادىرە قىلىدۇ. ئوغرىلىقچە كېسىلگەن دەل - دەرەخ قىممىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئورمان ياكى باشقا دەل - دەرەخنى قالايمىقان كەسكەنلەرنى ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى قالايمىقان كېسىلگەن دەرەخ سانىنىڭ بەش ھەسسىسىگە باراۋەر دەرەخ تىكىشكە بۇيرۇيدۇ. قوشۇمچە قالايمىقان كېسىلگەن دەل - دەرەخ قىممىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. دەرەخ تولۇقلاپ تىكىشنى رەت قىلغانلار ياكى تولۇقلاپ تىككىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولمىغانلارنىڭكىنى ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ۋاكالىتەن تولۇقلاپ تىكىدۇ، كېتەرلىك خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى تۆلەيدۇ. ئورمان ياكى باشقا دەل - دەرەخنى ئوغرىلىقچە كەسكەن، قالايمىقان كەسكەنلەردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت