UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقورال - ياراغنى قانۇنسىز ئىجارىگە ۋە ئارىيەتكە بېرىش جىنايىتى

قورال - ياراغنى قانۇنسىز ئىجارىگە ۋە ئارىيەتكە بېرىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - قورال - ياراغ باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشى ئۈچۈن قانۇن بويىچە سەپلەپ بېرىلگەن قورال - ياراغنى قانۇنسىز ھالدا ئىجارىگە بېرىش، ئارىيەتكە بېرىش قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەتنىڭ قورال - ياراغلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قورال - ياراغ باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت ئىشى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە سەپلەپ بېرىلگەن قورال - ياراغنى قانۇنسىز ئىجارىگە بەرگەن، ئارىيەتكە بەرگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ. بىرى، قانۇن بويىچە قورال - ياراغ سەپلەپ بېرىلگەن خادىملار بولىدۇ؛ يەنە بىرى، جىنايى ئىشلار قانۇنى 128 - ماددىسىنىڭ 4 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا ئورۇنلارمۇ مۇشۇ جىنايەتنىڭ سۇبېيكتى بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 128 - ماددا قورال - ياراغ باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قورال - ياراغ، ئوق - دورىلارنى قانۇنسىز ھالدا ئىلكىدە تۇتۇپ ۋە يوشۇرۇن ساقلىغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئىشى ئۈچۈن قانۇن بويىچە قورال بېرىلگەن خادىملاردىن قورال - ياراغنى قانۇنسىز ئىجارىگە ۋە ئارىيەتكە بەرگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. قانۇن بويىچە قورال بېرىلگەن خادىملاردىن قورالىنى قانۇنسىز ئىجارىەە ۋە ئارىيەتكە بېرىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئورۇنلاردىن 2 -، 3 - تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورال - ياراغ باشقۇرۇش قانۇنى (1996 - يىل 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى) 3 -، 5 -، 6 -، 45 -، 46 - ماددىلىرى مەزكۇر كىتابنىڭ 50 - بېتىگە قاراڭ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت