UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتتىزىمغا ئالدۇرىدىغان كاپىتالنى يالغان مەلۇم قىلىش جىنايىتى

تىزىمغا ئالدۇرىدىغان كاپىتالنى يالغان مەلۇم قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا يالغان ئىسپات - ھۆججەتلەرنى ئىشلىتىپ ياكى تىزىمغا ئالدۇرىدىغان كاپىتالنى باشقا ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن مەلۇم قىلىپ، شىركەت تىزىملاشقا مەسئۇل ئورگاننى ئالداپ شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇۋالغانلاردىن يالغان مەلۇم قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتال سوممىسى ناھايىتى كۆپ، ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ شىركەتلىرى تىزىملاپ باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە يالغان ئىسپات - ھۆججەتلەرنى ئىشلىتىپ ياكى باشقا ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن كاپىتالنى يالغان مەلۇم قىلىپ، شىركەتنى تىزىملاشقا مەسئۇل ئورگاننى ئالداپ شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرغانلاردىن يالغان مەلۇم قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتال سوممىسى ناھايىتى كۆپ، ئاقىۋىتى ئېغىر ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە پەقەت قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 158 - ماددا شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا يالغان ئىسپات - ھۆججەتلەرنى ئىشلىتىپ ياكى تىزىمغا ئالدۇرىدىغان كاپىتالنى باشقا ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن يالغان مەلۇم قىلىپ، شىركەت تىزىملاشقا مەسئۇل ئورگاننى ئالداپ شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇۋالغانلاردىن يالغان مەلۇم قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتال سوممىسى ناھايىتى كۆپ، ئاقىۋىتى ئېغىر ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، يالغان مەلۇم قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتال سوممىسىنىڭ 1% تىن يۇقىرى، 5% تىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت جەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىلى 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا يالغان ئىسپات - ھۆججەتلەرنى ئىشلىتىپ ياكى تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالنى باشقا ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن يالغان مەلۇم قىلىپ، شىركەت تىزىملاشقا مەسئۇل ئورگاننى ئالداپ، شىركەتنى تىزىغا ئالدۇرغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1( تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالدىن ئەمەلىي تاپشۇرغىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن چەك سوممىسىغا يەتمىگەن، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يالغان مەلۇم قىلغان سوممىسى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن چەك سوممىسىنىڭ %60 تىن ئارتۇقىنى ئىگىلىگەن، چەكلىك پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ يالغان مەلۇم قىلغان سوممىسى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن چەك سوممىسىنىڭ %30 ىدىن ئارتۇقىنى ئىگىلىگەنلەر؛ 2) تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالدىن ئەمەلىي تاپشۇرغىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن چەك سوممىسىغا يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالنى يالغان مەلۇم قىلغان، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يالغان مەلۇم قىلغان سوممىسى بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولغان، چەكلىك پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ يالغان مەلۇم قىلغان سوممىسى 01 مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولغان بولسا؛ 3) تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالنى يالغان مەلۇم قىلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ياكى باشقا ھەقدارلارنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلار؛ 4) يۇقىرىقى سومما ئۆلچىمىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە بولغانلار: (1) تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالنى يالغان مەلۇم قىلىپ ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەمۇرىي جازاغا ئۇچرىغان تۇرۇقلۇق، يەنە تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالنى يالغان مەلۇم قىلغانلار؛ (2) شىركەتنى تىزىملاشقا مەسئۇل خادىملارغا پارا بەرگەن ياكى تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلار.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
تىزىمغا ئالدۇرىدىغان كاپىتالنى يالغان مەلۇم قىلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki