تارتىۋېلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە كىشىلەرنىڭ تەييارلىقسىز تۇرغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى تارتىۋالغان، مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە باشقىلارنىڭ تەييارلىقسىز تۇرغان ھالىتىدىن پايدىلىنىپ، جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مال - مۈلكىنى ئاشكارا تارتىۋېلىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى 16 ياشقا توشقان، جىنايى جاۋابكارلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئادەملەر بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى بولالايدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
267 - ماددا جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى تارتىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
قاتىللىق قورالى ئېلىپ يۈرۈپ تارتىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 263 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
269 - ماددا ئوغرىلىق، ئالدامچىلىق، تارتىۋېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەردىن ھارام مالنى يوشۇرۇش، تۇتۇشقا قارشىلىق كۆرسىتىش ياكى جىنايى پاكىتلىرىنى يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن نەق مەيداندا زورلۇق ئىشلەتكەن ياكى زورلۇق بىلەن تەھدىت سالغانلىرىغا، مۇشۇ قانۇننىڭ 263 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇلاڭچىلىق دېلوسىنى قاراپ چىقىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 - يىل 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى)
مەزكۇر كىتابنىڭ 287 - بېتىدىكى <بۇلاڭچىلىق جىنايىتى> دىن پايدىلىنىڭ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تارتىۋېلىش جىنايى ئىشلار دېلوسىنى قاراپ چىقىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2002 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) 18 - نومۇرلۇق
مەزكۇر ئىزاھاتنىڭ 1 -، 2 -، 3 -، 4 -، 5 -، 6 - ماددىلىرىدىن پايدىلىنىڭ.