توختام تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ئالدىنىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىملىرىدىن توختام تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش تۈپەيلىدىن ئالدىنىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەت ئىگىلىكىدىك شىركەت، كارخانىلارنىڭ مال - مۈلۈك ھوقۇقى ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە توختام تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش تۈپەيلىدىن ئالدىنىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى پەقەتلا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
167 - ماددا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىملىرىدىن توختام تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش تۈپەيلىدىن ئالدىنىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىملىرى توختام تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش جەريانىدا، ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش تۈپەيلىدىن ئالدىنىپ، دۆلەتنى 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقان ياكى بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان تىزىمىغا ئالدرۇغان كاپىتالنىڭ %30 تىن ئارتۇقىنى ئىگىلىگەن بولسا سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، تاشقى سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەت، كارخانىلارنىڭ خادىملىرى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق تاشقى پېرېۋوتىنىڭ ئالداپ سېتىۋېلىنىشى ياكى قاچۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.