تەسلىم بولۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ھەربىيلەرنىڭ جەڭ مەيدانىدا ئۆلۈمدىن قورقۇپ، ئۆزلۈكىدىن قورال تاشلاپ، دۈشمەنگە تەسلىم بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئارمىيىمىزنىڭ ئۇرۇش قىلىش مەنپەئىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ھەربىيلەر ئۆزلۈكىدىن قورال تاشلاپ، قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ۋاز كېچىپ، دۈشمەنگە قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - قورال ئىشلىتىپ دۈشمەنگە قارشىلىق قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ھەربىيلەر بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە بىۋاسىتە قەستەنلىكتىنمۇ ياكى ۋاسىتىلىك قەستەنلىكتىنمۇ شەكىللىنىدۇ.
423 - ماددا جەڭ مەيدانىدا ئۆلۈمدىن قورقۇپ، ئۆزلۈكىدىن قورال تاشلاپ دۈشمەنگە تەسلىم بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
تەسلىم بولغاندىن كېيىن، دۈشمەنگە خىزمەت قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.