دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇن - بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، سەۋەنلىك بىلەن دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويۇش ئەھۋالى ئېغىر بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش تۈزۈمى.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇن - بەلگىلىمىلىرىگە سەۋەنلىك بىلەن خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويۇش ئەھۋالى ئېغىر بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئاساسلىقى دۆلەت خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبېيكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
398 - ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قەستەن ياكى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن باشقا كىشىلەردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەھۋالغا قاراپ جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويۇشتا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، دېلو ئېچىش لازىم؛
1)دۆلەتنىڭ مۇتلەق مەخپىي دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغان بولسا؛2) دۆلەتنىڭ مۇھىم مەخپىي دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكىدىن ئۈچتىن ئارتۇقنى ئاشكارىلاپ قويغان بولسا؛
3) دۆلەتنىڭ مەخپىي دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكىدىن ئۈچتىن ئارتۇقنى ئاشكارىلاپ قويۇپ، ئېغىر زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا؛
4) دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ ياكى مەخپىي ھۆججەتنى يىتتۈرۈپ قويۇپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى راستى بىلەن ئېيتمىغان بولسا؛
5) قىلمىشى ئېغىر باشقا ئەھۋاللار بولسا.
دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويۇش جىنايى قىلمىشىغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى يۇقىرىقى ئۆلچەم بويىچە بولىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) دۆلەتنىڭ مۇتلەق مەخپىيەتلىكىدىن بىردىن ئارتۇقنى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويغان ياكى دۆلەتنىڭ مۇھىم مەخپىي دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكىدىن بەشتىن ئارتۇقىنى ئاشكارىلاپ قويغان ۋە ياكى دۆلەتنىڭ مەخپىي دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكىدىن يەتتىدىن ئارتۇقىنى ئاشكارىلاپ، ئېغىر زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا؛
(2) دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويۇپ، بىر مىلىيون يۈەندىن ئارتۇق بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان سالغان بولسا؛
(3) دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەن بولسا؛
(4) دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويۇپ، جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەن بولسا.
2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) دۆلەتنىڭ مۇتلەق مەخپىي دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكىدىن ئىككىدىن ئارتۇقنى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويغان ياكى دۆلەتنىڭ مۇھىم مەخپىي دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكىدىن يەتتىدىن ئارتۇقىنى ۋە ياكى دۆلەتنىڭ مەخپىي دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكىدىن 10 دىن ئارتۇقىنى ئاشكارىلاپ قويغان بولسا؛
(2) دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويۇپ، ئىككى مىليون يۈەندىن ئارتۇق بىۋاسىتە ئىقتسادىي زىيان سالغان بولسا؛
(3) دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە پەۋقۇلئاددە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەن بولسا؛
(4) دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويۇپ، جەمئىيەت تەرتىپىگە پەۋقۇلئاددە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈگەن بولسا.