باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - يىغىۋېلىش، ياللاپ ئىشلىتىش، قىزىقتۇرۇش، سولاپ بېرىش، مەجبۇرلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن، كۆپ كىشىنىڭ كۆپ قېتىم ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى كونترول قىلىۋېلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئىجتىمائىي ئەخلاق كەيپىياتى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبېيكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى كۆپ كىشىنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغان قىلمىشنى ئېلىپ بارغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - چوقۇم ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغۇچى بولىدۇ، بىر ئادەم بولسىمۇ بولىدۇ، بىرقانچە ئادەم بولسىمۇ بولىدۇ.
4. سۇبېيكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
358 - ماددا باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغان ياكى زورلىغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:
(1) باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلار؛
(2) 14 ياشقا توشمىغان نارەسىدە قىزلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغانلار؛
(3) كۆپ كىشىنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغان ياكى باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا كۆپ قېتىم مەجبۇرلىغانلار؛
(4) باسقۇنچىلىق قىلغاندىن كېيىن، باشقىلارغا ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغانلار؛
(5) ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا زورلانغۇچىنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتنى پەيدا قىلغانلار.
ئالدىنقى تارماقتىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلاردىن قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىرلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ بەرگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
361 - ماددا مېھمانخانا، يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمەت ئورنى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئورنى، ئاپتوموبىل كىراكەشلىك ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ئۆز ئورنىنىڭ شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغان، زورلىغان، ئازدۇرغان، سولاپ بەرگەن ۋە تونۇشتۇرغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 358 -، 359 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرىدىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <>مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى قارارى< نى ئىجرا قىلىشقا ئائىت بىرقانچە مەسىلە ھەققىدىكى جاۋاب>
(1992 - يىل 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى)
2. باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇش جىنايىتى قانداق بېكىتىلىدۇ؟
<قارار> نىڭ 1 - ماددا 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇش جىنايىتى دەپ، باشقىلارنى ئۇيۇشتۇرۇش، ياللاش، زورلاش، ئازدۇرۇش، سولاپ بېرىشتەك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللىنىشنى تىزگىنلەپ تۇرۇش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغۇچى بولۇشى شەرت، ئۇيۇشتۇرغۇچى بىرنەچچە ئادەم بولۇشىمۇ، بىر ئادەم بولۇشىمۇ مۇمكىن، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىش ھەرىكىتىدە ئۇيۇشتۇرۇش رولىنى ئوينىغان - ئوينىمىغانلىقىغا قاراش كېرەك.
باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇش جىنايى ھەرىكىتىنى ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇلغانلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا زورلاش، ئازدۇرۇش، سولاپ بېرىش، تونۇشتۇرۇش قىلمىشى بولغانلارغا بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازا بەرمەستىن، باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇش جىنايىتى بويىچە جازا ئۆلچەش ئويلىشىپ كۆرۈلسە بولىدۇ. ئەگەر بۇ خىل قىلمىشنى ئۇيۇشتۇرۇلغۇچىلاردىن باشقىلارغا قوللانغان بولسا، يەنىلا ئايرىم - ئايرىم جىنايەت بېكىتىپ، بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازا بېرىش كېرەك.
5. قايسى قىلمىشلار باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا تەشكىللەش جىنايىتى، باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش جىنايىتىدىكى <قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر> ھېسابلىنىدۇ؟
<قارار> نىڭ 1 - ماددا 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن <قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولۇش> دەپ، ئاساسلىقى باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغان باش جىنايەتچىلەردىن قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلار؛ باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇش ۋاسىتىسى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلار؛ ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇلغۇچىلارنى پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەتكە ئۇچراتقانلار؛ نۇرغۇن ئادەمنى نۇرغۇن قېتىم ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن ئىجتىمائىي خەۋپى ئىنتايىن زور بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ.
<قارار> نىڭ 2 - ماددا 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا زورلاش جىنايىتىدىكى <قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر> بولۇش دەپ، <قارار> نىڭ 2 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن تۆت خىل ئەھۋالدىكى پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. كونكرېت ئىجرا قىلىش جەريانىدا، دائىرىسىنى مۇشۇ تۆت خىل ئەھۋالدىن كېڭەيتىۋېتىشكە بولمايدۇ.
9. <قارار> دا كۆرسىتىلگەن <باشقىلار>، <كۆپ ئادەم>، <كۆپ قېتىم> دېگەنلەرنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
(1) باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغان، ئۇيۇشتۇرۇشقا ياردەملەشكەن، زورلىغان، ئازدۇرغان، سولاپ بەرگەن، تونۇشتۇرغان دېگەن سۆزدىكى <باشقىلار> دەپ ئاساسلىقى ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛
(2) <قارار> ۋە مۇشۇ <جاۋاب> دىكى <كۆپ ئادەم>، <كۆپ قېتىم> دېگەن سۆزدىكى <كۆپ> <ئۈچ> تىن ئارتۇق ساننى كۆرسىتىدۇ. (ئۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).