UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتتاشقى پېرېۋوتنى ئالداپ سېتىۋېلىش جىنايىتى

تاشقى پېرېۋوتنى ئالداپ سېتىۋېلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان تاموژنا تارقاتقان تاموژنىغا مەلۇم قىلىش جەدۋىلى، ئىمپورت ئىسپاتنامىسى، تاشقى پېرېۋوتنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەستىقلاشنامىسى قاتارلىق دوكۇمېنت ۋە ھۆججەتلەرنى ئىشلەتكەن ياكى يۇقىرىقى دوكۇمېنت ۋە ھۆججەتلەرنى قايتىلاپ ئىشلەتكەن ياكى باشقا ئالدامچىلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، تاشقى پېرېۋوت قويۇلغان بانكىلاردىن تاشقى پېرېۋوتنى ئالداپ ئېلىۋالغان، سوممىسى بىر قەدەر چوڭراق بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوتنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئالدامچىلىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تاشقى پېرېۋوتنى سېتىۋېلىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇن) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تاشقى پېرېۋوتنى ئالداپ سېتىۋېلىش، تاشكى پېرېۋوتنى قاچۇرۇش ۋە تاشقى پېرېۋوتنى قانۇنسىز ئېلىپ - سېتىش جىنايىتىنى قاتتىق جازالاش توغرىسىدىكى قاراى (1998 - يىل 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى) تاشقى پېرېۋوتنى ئالداپ سېتىۋېلىش، تاشقى پېرېۋوتنى قاچۇرۇش ۋە تاشقى پېرېۋوتنى قانۇنسىز ئېلىپ سېتىش جىنايەت قىلمىشلىرىنى جازالاپ، دۆلەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن، جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. 1. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئالداپ سېتىۋالغان تاشقى پېرېۋوتنىڭ مىقدارى كۆپرەك بولغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاس ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ھەمدە ئالداپ سېتىۋالغان تاشقى پېرېۋوت مىقدارىنىڭ %5 دىن يۇقىرى، % 30دىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ھەمدە ئالداپ سېتىۋالغان تاشقى پېرېۋوت مىقدارىنىڭ % 5دىن يۇقىرى، % 30دىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ھەمدە ئالداپ سېتىۋالغان تاشقى پېرېۋوت مىقدارىنىڭ %5دىن يۇقىرى، % 30دىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ: (1) يالغاندىن ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان تاموژنا مەلۇمات تالونى، ئىمپورت ئىسپاتى، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىق ھۆججىتى قاتارلىق دوكۇمېنت، تالونلارنى ئىشلەتكەن بولسا؛ (2) تاموژنا مەلۇمات تالونى، ئىمپورت ئىسپاتى، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىق ھۆججىتى قاتارلىق دوكۇمېنت ۋە تالونلارنى تەكرار ئىشلەتكەن بولسا؛ تاموژنا مەلۇمات تالونى، ئىمپورت ئىسپاتى، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىق ھۆججىتى قاتارلىق دوكۇمېنت ۋە ھۆججەتلەرنى يالغاندىن ياسىغان ياكى ئۆزگەرتىپ ياسىغان ھەمدە ئۇنى تاشقى پېرېۋوتنى ئالداپ سېتىۋېلىشقا ئىشلەتكەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلىدۇ. تاشقى پېرېۋوتنى ئالداپ سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى خەلق پۇلى بىلەن تەمىنلىگەنلەر ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئالدىنقى ئۈچ تارماقتىكى جىنايەتنى سادىر قىلغان ئورۇنلارغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بارلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بارلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. تاموژنا، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش تارمىقى ھەمدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، تاشقى سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇن خادىملىرىدىن تاشقى پېرېۋوتنى ئالداپ سېتىۋېلىش ياكى تاشقى پېرېۋوتنى قاچۇرۇش قىلمىشىدا بولغانلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇلارنى تاشقى پېرېۋوت سېتىۋېلىشقا ئالاقىدار دوكۇمېنت ياكى باشقا قۇلايلىق بىلەن تەمىن ئېتىپ ياكى يالغاندىن ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان دوكۇمېنت ۋە تالون ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ تاشقى پېرېۋوت سېتىپ بەرگەن، تاشقى پېرېۋوت بەرگەنلەر ئورتاق جىنايەتچى دەپ قارىلىپ، ئۇلارغا مۇشۇ قارارغا بىنائەن ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. مۇشۇ قاراردا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى سادىر قىلغانلاردىن قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنغان، مۇسادىرە قىلىنغان مال - مۈلۈك ۋە جەرىمانە بىردەك دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق تاشقى پېرېۋوتنى ئالداپ سېتىۋالغانلار سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت