UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتيۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىسى ۋە ۋىرۇسىنى تارقىتىش جىنايىتى

يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىسى ۋە ۋىرۇسىنى تارقىتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىسى ۋە ۋىرۇسىنى تەجرىبە قىلغۇچى، ساقلىغۇچى، ئېلىپ يۈرگۈچى ۋە توشۇغۇچىلاردىن گوۋۇيۈەن سەھىيە تارمىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىسى ۋە ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىسى ۋە ۋىرۇسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە تۆۋەندىكى تۆت مەزموننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىسى ۋە ۋىرۇسىنى تەجرىبە قىلغۇچى، ساقلىغۇچى، ئېلىپ يۈرگۈچى ۋە توشۇغۇچىلار گوۋۇيۈەن سەھىيە تارماقلىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىسى ۋە ۋىرۇسىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولۇش؛ ئىككىنچى، بۇ خىل بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش چوقۇم يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىسى ۋە ۋىرۇسىنى تەجرىبە قىلىش، ساقلاش، ئېلىپ يۈرۈش، توشۇش جەريانىدا سادىر بولغان بولۇش؛ ئۈچىنچى، يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىسى ۋە ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولۇش؛ تۆتىنچى، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش پەيدا قىلغان ئېغىر ئاقىۋەت ئوتتۇرىسىدا سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى بولۇش. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىسى ۋە ۋىرۇسىنى تەجرىبە قىلغۇچى، ساقلىغۇچى، ئېلىپ يۈرگۈچى ۋە تۇشۇغۇچىلار بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 331 - ماددا يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىسى ۋە ۋىرۇسىنى تەجرىبە قىلغۇچى، ساقلىغۇچى، ئېلىپ يۈرگۈچى ۋە توشۇغۇچىلاردىن گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىسى ۋە ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت